5- ئاينىڭ 20- كۈنى، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر مىڭ مايسا پىلانىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، جۇڭگو بالىلار، ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتى ۋە بېيجىڭ يوڭجېن جامائەت پاراۋانلىقى فوندى جەمئىيىتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان، خەير-ساخاۋەتچى زېڭ يوڭ ئەپەندى ئىئانە قىلغان 10 مىليون يۈەن بىلەن تەسىس قىلىنغان يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى مائارىپ جامائەت پاراۋانلىقى تۈرى — مىڭ مايسا پىلانى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدا باشلاندى. مىڭ مايسا پىلانى پەن-تېخنىكا، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىكتە كەڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر، بولۇپمۇ، تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقى كەمچىل بولغان ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارنى ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقى ۋە تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، مائارىپ ئادىللىقىغا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى