خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئانا دېڭىز كالىسى سۇ ئىچىدە بالىسىنى ئەمدۈرمەكتە. بىر كۈن ئىلگىرى، جۇخەي «چاڭلۇڭ دېڭىز-ئوكيان پادىشاھلىقى»دا ياشايدىغان بىر چىشى دېڭىز كالىسى ئوڭۇشلۇق ھالدا موزايلىغان، بۇ، جۇڭگودا دېڭىز كالىسىنىڭ تېخى تۇنجى قېتىم ئوڭۇشلۇق نەسىللەندۈرۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ. ئافرىقا دېڭىز كالىسى غەربىي ئافرىقا دېڭىز بويى ۋە نىگېر دەرياسى قاتارلىق غەربىي ئافرىقا دەريا ئېقىنلىرىدا ياشايدۇ، ئۇ بىردىنبىر پەقەت ئۆسۈملۈكنى ئوزۇقلۇق قىلىدىغان چوڭ تىپتىكى دېڭىز- ئوكيان سۈت ئەمگۈچى ھايۋىنى ھېسابلىنىدۇ، بۇ دېڭىز كالىسى 2012-يىلى «دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى»نىڭ نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان قىزىل رەڭلىك تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى