باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: دۇنيا پەن–تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى كۆزلەپ، پەن–تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، دۇنيادىكى پەن–تېخنىكىدا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2018.05.29 14:43   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ: دۇنيا پەن–تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى كۆزلەپ، پەن–تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، دۇنيادىكى پەن–تېخنىكىدا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 19-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 14-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى 28-ماي چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو قۇدرەت تاپماقچى، گۈللەنمەكچى بولسا چوقۇم پەن-تېخنىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىلىم-پەن مەركىزىگە ئايلىنىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشتىكى يۇقىرى پەللىنى ئىگىلىشى كېرەك. ۋەزىيەت كىشىنى قىستاۋاتىدۇ، خىرىس كىشىنى قىستاۋاتىدۇ، بۇرچ كىشىنى قىستاۋاتىدۇ. مەملىكىتىمىزدىكى پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەسىلىگە يۈزلىنىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى كۆزلەپ، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تارىخ يۈكلىگەن مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا قۇدرەتلىك دۆلەتنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە ئاۋۋال مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 19-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 14-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن مەملىكىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق كاتتا يىغىن. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز مەملىكىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى خۇلاسىلەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئومۇمىيەتنى پىلانلاپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ، پارتىيەنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنىڭ ماھىيىتىنىڭ ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تورىغا سىڭىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىدا زىچ كۈچەپ، تېز ھالقىپ، تارىخىي خاراكتېرلىك، ئومۇمىي خاراكتېرلىك، ئەندىزە خاراكتېرلىك زور ئۆزگىرىشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، زور يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى بەس-بەستە ياراتتۇق، قىسمەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەتقىقاتلار دۇنيا بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، باشلامچى بولۇپ مېڭىش باسقۇچىغا كىردى، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى مىقدار جەھەتتە جۇغلىنىشتىن سۈپەت جەھەتتە ھالقىيدىغان، نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن سىستېما ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغان مۇھىم پەيتتە تۇرماقتا.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 21-ئەسىرگە كىرگەندىن بۇيان، دۇنيا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مىسلىسىز جانلىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپلەر ئۆزگىرىشى دۇنيا يېڭىلىق يارىتىش خەرىتىسىنى قايتا تۈزمەكتە، دۇنيا ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى قايتا قۇرماقتا. پەن-تېخنىكا دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ باقمىغان، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا، بەختىگە ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ باقمىغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە مۇلازىمەت قىلىشنى ئەستايىدىل، ئىنچىكىلىك بىلەن ياخشى ئىشلەپ، …
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2018–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى توغرىسىد…
    ·فۇجيەندە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 2021-يىلىدىن باشلاپ ئىجتىمائىي پەن بىلەن تەبىئىي پەنگە ئايرىش ئەم…
    ·«مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار ئوزۇقلۇق كۈنى»دە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ‏ساغلام ئېغىرلىقىغا ئېتىبار بېر…
    ·ئوقۇغۇچىلار يازلىق تەتىللىك پويىز بېلىتى سېتىلىشقا باشلىدى
    ·ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى 10 تۈرلۈك چەكلەش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلدى
    ·ئىككى مىنىستىرلىك: ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يەرلىكتىكى ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچى…
    ·ئىككى تارماق ھۆججەت چىقىرىپ، مەبلەغ ئاجرىتىپ نامرات رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ياردەم پۇلى بېرىشنى…
    ·پۈتۈن مەملىكەتتىكى نامرات ناھىيەلەردە %94.7 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ‏ئوقۇتۇش شارائىتى «تۆۋەن…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تۈزەش مەخسۇس تۈ…