باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىر مەھەللە كادىرى نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىگە قول سوزدى

ھەتتا بەش يۈەننىمۇ بوش قويۇۋەتمىگەن كادىر تەنقىدلەندى

2018.05.28 12:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ شەھىرى قىزىل كۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى توقاي مەھەللىسىدىكى 67 ياشلىق ئىگە-چاقىسىز بۇسارەم سايىم ھاياجانلانغان ھالدا: «بۇلتۇر 6-ئايدا مەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى ئېلىشنى باشلىغاندىن بۇيان، مەھەللە كادىرى دائىم مېنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلۇمنى تۇتۇپ قالاتتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى كادىرلىرى ماڭا ياردەم قىلىپ، بۇ پۇللارنى قايتۇرۇپ كەلدى، مەن ئۇلارغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن»، دېدى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، توقاي مەھەللىسىدە تەكلىپلىك ئىشلەيدىغان كادىر راھىلە نۇرمەمەت (جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولمىغان) 2017-يىلى 6-ئايدىن بۇيان، بۇسارەم سايىمغا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ياردەم پۇلى تارقىتىش داۋامىدا، ھەر ئايدا بەش يۈەندىن 26 يۈەنگىچە تۇتۇپ قالغان ھەمدە گىرىم بۇيۇملىرى سېتىۋېلىش نامى بىلەن بۇسارەم سايىمدىن 315 يۈەن قەرز ئېلىپ قايتۇرۇپ بەرمىگەن. راھىلە نۇرمەمەت ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىندى ھەمدە 450 يۈەن نەق پۇلنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇلدى.

  بۇ، 2018-يىلى 2-ئايدا ئاقسۇ شەھىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان مەھەللە كادىرلىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن «ئالدىغا كەلگەنلىكى ئىشتىن نەپ ئېلىش»تىكى تىپىك مەسىلە.

  بۇلتۇردىن بۇيان، ئاقسۇ شەھىرى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى تۈزەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىنىڭ يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇردى. بۇ يىل 3-ئايدا «ئاقسۇ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ 2018-يىلى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى چۈشۈرۈپ، خىيانەتچىلىك قىلىپ ئىگىلىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىپ ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋېلىش، تۈر ئويدۇرۇپ چىقىرىش، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق چىرىكلىشىش مەسىلىلىرىنىڭ يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلىشنى قېلىپلاشتۇردى. شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى باش بولۇپ مالىيە ئىدارىسى، ئىقتىسادىي تەپتىش ئىدارىسى، يېزا ئىگىلىكى ئىدارىسى، ئورمانچىلىق ئىدارىسى، چارۋىچىلىق ئىدارىسى، شەھەرلىك پارتكوم يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارنى تەشكىللەپ، دائىملىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى ھەمدە نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلەشكەنلەرنى ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ بىر تەرەپ قىلدى.

  مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلىدىن بۇيان، ئاقسۇ شەھىرى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىدىن 102 قېتىمنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، 26 ئادەم تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىنغان، 81 كىشىگە چارە كۆرۈلگەن، 35 قېتىملىق تىپىك دېلو مىسالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ ئاشكارىلانغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر