باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يادرو كېلىشىمىنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدە ئىران ياۋروپاغا ئۈچ شەرت قويدى

2018.05.25 13:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراننىڭ ئالىي داھىيسى بۈيۈك ئايەتۇللاھ ئەلى ھامىنى 23-ماي ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئىراننىڭ ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىدە قېلىشىنىڭ شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياۋروپادىن ئىراننىڭ ئىران نېفىت سېتىشىنى ئامېرىكىنىڭ جازالىشىدىن قوغداشنى ھەمدە ئىران-ياۋروپا سودىسىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  گېرمانىيە ئىرانغا ماسلىشىپ، ياۋروپا- ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو كېلىشىمى مەسىلىسىدە ئېغىر ئىختىلاپى بار، دېدى. ئامېرىكىدىن باشقا، كېلىشىم ئىمزالىغان باشقا تەرەپلەرمۇ كېلىشىمنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىنى قانداق ساقلاشنى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى مەسلىھەتلىشىشنى بېكىتتى.

  ھامىنى شۇ كۈنى ئۈچ شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى: ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىراننىڭ نېفىت سېتىشىنى ئامېرىكىنىڭ جازالىشىنىڭ تەسىرىدىن قوغدىشى، ئىراندىن داۋاملىق خام نېفىت سېتىۋېلىشى كېرەك؛ ياۋروپا بانكىلىرى ئىران بىلەن بولغان سودىنى قوغدىشى كېرەك؛ ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۈرى ۋەدىسى ۋە ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى پائالىيىتى ئۈستىدە ئىران بىلەن سۆھبەتلىشىشنى ئىستىمەسلىككە ۋەدە بېرىشى كېرەك.

  ھامىنى يەنە: ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا كېلىشىمگە «ئاسانلا خىلاپلىق قىلغانلىقى»نى كۆزدە تۇتۇپ، ئىران ئەمدى بۇنداق ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقە قىلمايدۇ. ئامېرىكا 40 يىلدىن بۇيان ئىران ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «بارلىق دۈشمەنلىك (ۋاسىتىسى)» بىلەن ئىرانغا زەربە بېرىپ كەلدى، دېدى.

  مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 2015-يىلى 7-ئايدا ئىمزالانغان ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى، كېلىشىمگە چېتىشلىق بولغان ئىراننى جازالاشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئوخشاش بولمىغان كەسىپ ۋە ساھەلەردە، ئامېرىكا 90 كۈن، 180 كۈن ئىككى خىل ئۆتكۈنچى مەزگىلنى بەلگىلىدى، جازالاش ئۆتكۈنچى مەزگىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر