باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ترامپ سىنگاپوردا كىم جوڭئۇن بىلەن بولىدىغان ئۇچرىشىشنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى

2018.05.25 13:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 24-ماي، يېقىندىن بۇيانقى چاۋشيەننىڭ «ئاشكارا دۈشمەنلىك» ئىپادىسى سەۋەبدىن، ئۆزىنىڭ ئەسلىدە 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بېكىتىلگەن چاۋشيەن ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن بولىدىغان سىنگاپوردىكى ئۇچرىشىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئاق ساراي شۇ كۈنى ئەتىگەندە ترامپ كىم جوڭئۇنغا ئەۋەتكەن بىر پارچە ئوچۇق خەتنى ئېلان قىلدى. ترامپ خېتىدە ئۆزىنىڭ كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىنتايىن تەقەززا ئىكەنلىكىنى، لېكىن چاۋشيەن يېقىندا «زور غەزەپ ۋە ئاشكارا دۈشمەنلىك» ئىپادىسىنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، نۆۋەتتە پىلانلىغىلى ئۇزۇن بولغان بۇ ئۇچرىشىشنى ئۆتكۈزۈشكە ماس كەلمەيدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ترامپ يەنە، چاۋشيەن تەرەپ بۇ قېتىمقى «ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى» دەپ قارايدىغانلىقىنى، لېكىن كەلگۈسىدە كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈشنى يەنىلا خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ كىم جوڭئۇن بىلەن ياخشى بولغان سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بولدۇم، دەپ ھېس قىلغانلىقىنى، ئاخىرقى ھېسابتا ھەقىقىي تەسىر كۆرسىتىدىغىنىنىڭ يەنىلا سۆھبەتلىشىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

  5-ئاينىڭ 10-كۈنى، ترامپ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىسى تىۋىتتېردا، ئۆزىنىڭ كىم جوڭئۇن بىلەن بولىدىغان ئۇچرىشىشىنىڭ 6-ئاينىڭ 12-كۈنى سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر