باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى: تۇرالغۇ ئۆينى بۆلۈپ سېتىشقا بولمايدىغانلىقى، بىر قەۋەتلىك ئۆينى تىزىملىغاندا ئېغىز سانى سۈرۈشتۈرۈلمەيدىغانلىقى بېكىتىلدى

2018.05.29 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نېمكەش ئۆي سودىسىدا كۆرۈلگەن ئايرىم تۇرالغۇ ئۆينى بۆلۈپ سېتىش ئەھۋالىغا قارىتا، بېيجىڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى كومىتېتى، بېيجىڭ پىلان ۋە دۆلەت زېمىن بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى بىرلىشىپ 28-ماي «دۆلەت يېرىدىكى تۇرالغۇ ئۆينى بۆلۈشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، تۇرالغۇ ئۆينى بۆلۈپ سېتىشقا بولمايدىغانلىقى، بىر قەۋەتلىك ئۆينى پىلانلاپ تەستىقلاش ۋە كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملىغاندا ئېغىز سانى سۈرۈشتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى بېكىتتى.

  ئىگىلىنىشچە، «ئۇقتۇرۇش»تا بىر قەۋەتلىك تۇرالغۇ ئۆينى ئۆزگەرتىش- كېڭەيتىش قۇرۇلۇش تۈرىنى پىلانلاپ تەستىقلاشنى باشقۇرۇش ۋە تۇرالغۇ ئۆي(بىر قەۋەتلىك ئۆينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كۆچمەس مۈلكىنى تىزىملاشنى باشقۇرۇش يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئاساسلىقى بەش تۈرلۈك كونكرېت تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلغان، يەنى: يېڭىدىغان سېلىنغان بىر قەۋەتلىك تۇرالغۇ ئۆينىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى، پىلانلاپ ئىشلىتىلىشى بېكىتىلىپ، ئېغىز سانى سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ؛ قايتىدىن سېلىنغان تۇرالغۇ ئۆي «ئەسلىدىكى ئورۇن، ئەسلىدىكى كۆلەم، ئەسلىدىكى ئېگىزلىك، ئەسلىدىكى ئىشلىتىش ئورنى» بويىچە بولىدۇ؛ بىر قەۋەتلىك تۇرالغۇ ئۆينى كېڭەيتىش، ئۆزگەرتىپ سېلىش، قايتىدىن سېلىشنى تەستىقلاشتا ئېغىز سانى سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ؛ ئۆي-مۈلۈكنىڭ ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ، تەبىئىي شارائىتى ئەسلىدىكى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئۇچۇرى بىلەن بىردەك ياكى يېڭىدىن ئالغان پىلانلاش ئىجازىتى ئۇچۇرى بىلەن بىردەك بولغان بىر قەۋەتلىك تۇرالغۇ ئۆيلەرگە يېڭىدىن چىقىرىپ بېرىلگەن ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىسىدە ئېغىز سانى ئىزاھلانمايدۇ، بۇ ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىسى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملىغاندا ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىسى بويىچە تىزىملاشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ بىر قانچە يۈرۈش(ئېغىز) ئۆي ئوخشاش بىر نومۇر بويىچە پۈتۈن ئۆلچەپ سىزىلغان، تىزىملىتىپ ھوقۇق تەۋەلىكى بېكىتىلگەن يۈرۈشلۈك ئۆي ۋە بىر قەۋەتلىك تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش بۆلىكىنى ئايرىشقا بولمايدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەمەلىي سودىدىكى ئالاھىدە ئەھۋاللارغا قارىتا، «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە بىر قەۋەتلىك تۇرالغۇ ئۆينىڭ تىزىملانغان ئېغىز سانىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش (ۋەسىيەت بويىچە ھەدىيە قوبۇل قىلىش) ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى، كېسىم كومىتېتىنىڭ كۈچكە ئىگە قانۇن يازمىسى چىقىرىشى سەۋەبىدىن ھوقۇق تەۋەلىكى يۆتكەلگەن ئەھۋاللارنىڭ بۇنىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكى بېكىتىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى قوبۇل قىلىنغان كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئىلتىماسى ئەسلىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر