- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى ساقچىلىرى ئاھالىلەرگە يامغۇرلۇق ئۆتۈك يەتكۈزۈپ بەردى
2018.05.25 16:42 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «سىز ئالدى بىلەن شۇ جايدا تۇرۇپ تۇرۇڭ! مەن يامغۇرلۇق ئاياقنى ئېلىپ ئۆتەي!»، تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا، ئۈرۈمچى شەھىرى ئالتاي يولى خۇاتوڭ ماي قاچىلاش پونكىتى يېنىدىكى خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ ساقچىسى ئاتىكەم بىر سېرىق يامغۇرلۇق ئۆتۈكنى ئېلىپ، ھوشۇقتىن ئاشقان يامغۇر سۈيىنى كېچىپ، ئۆتۈكنى يولنىڭ ئۇ قېتىدا تۇرغان كىشىگە يەتكۈزۈپ بەردى. يولدىن ئۆتكۈچە نەچچە ئون سېكۇنت ۋاقىت كەتسىمۇ، بىراق پۈتۈن بىر چۈشتىن كېيىن، ئاتىكەم ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى نەچچە ئون قېتىم شۇنداق ئۆتتى.
شۇ كۈنى، ئالتاي يولى شىمالدىن جەنۇبقا كەڭلىكى سەككىز مېتىر كېلىدىغان يان يولدا سۇ يىغىلىپ قالدى، بەزى جايلارنىڭ سۈيىنىڭ چوڭقۇرلىقى 30 سانتېمىتىردىن ئېشىپ كەتتى، كىشىلەر يولدىن ئۆتۈشتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى، كۆپلىگەن كىشىلەر يولنىڭ قىرغىقىدا يولنىڭ قارشى تەرىپىگە قانداق ئۆتۈشنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى. بۇ چاغدا خۇاتوڭ ماي قاچىلاش پونكىتى يېنىدىكى خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ تۆت نەپەر خەلق ساقچىسى يامغۇرلۇق ئۆتۈكنى ئېلىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ يولدىن ئۆتۈشىگە ياردەم بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر