باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يېڭىتام كەنتىدە «ئۈچ يېڭىلىق»

2018.05.28 12:28   مەنبە: خەلق تورى

يېڭىتام كەنتىدە «ئۈچ يېڭىلىق»

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش — خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەڭ چوڭ ئىش، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ئىگىلىك تىكلەشكە ئالاقىدار ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشكە كۈچەپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە ئېغىر نامرات كەنت پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ مىشا يېزىسى يېڭىتام كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئالدى بىلەن دېھقانلارنى روھىي جەھەتتىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇلارنى ئەقلىي جەھەتتىن يېتەكلىدى. كەنتتىكى ئىختىساس ئىگىلىرىنى بايقاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىختىساسلىقلارنى باشلامچى قىلىپ نامرات دېھقانلارنى ھەمكارلىشىپ ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈردى. «ئۈچ يېڭىلىق» يېڭىتام كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ كاللىسىنى ئېچىپ، ئۇلارنى بېيىش يولىغا مېڭىشقا ئۈندىدى.

  تىككۈچىلىك ئاياللارنى بازارغا يۈزلەندۈردى

  جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزىلىرىدىكى خانىم-قىزلارنىڭ كۆپىنچىسى يېڭنە ئىشى قىلالايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ماشىنا ئۈسكۈنىلىرى قالاق، تىككەن كىيىملىرىنىڭ پاسونى كونا بولغاچقا، بازارغا يۈزلىنىشى يەنىلا تەس. يېڭىتام كەنتىدىكى ئاياللارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئىمكانىيىتى تۆۋەن بولغاچقا، كۆپ قىسىم ئايال ئادەتتە ئېتىز ئىشلىرىدىن بىكار بولغاندا، ئائىلىدە بىكار يۈرەتتى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتتە توپا بېسىپ تۇرغان 20 تىككۈچىلىك ماشىنىسىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەنتتىكى كىيىم تىكەلەيدىغان، پىچالايدىغان ھەم لايىھەلىيەلەيدىغان ئۇستىلارنى يىغىپ، «چياشوۋ» تىككۈچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى. نۇرگۈل ھەسەن بۇ مەھەللىدىكى داڭلىق تىككۈچىلەرنىڭ بىرى ئىدى، ئۇ بۇ كوپىراتىپتا باشلامچى بولۇپ، كەنتىدىكى تىككۈچىلىكتىن خەۋىرى بار 25 ئاچا-سېڭىلنى يېتەكلەپ ئىگىلىك تىكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئاتلاندى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بازار ئەھۋالىنى ياخشى ئىگىلەپ، دەسلەپتە ئۇلارنى يېزا بازىرىغا ماس كېلىدىغان كۆڭلەكلەرنى تىكىپ، يېزا بازارلىرىغا ئاپىرىپ سېتىشقا يېتەكلىدى. شۇنداق قىلىپ بۇ كوپىراتىپتىكىلەر تۇنجى قېتىمدىلا 130 كۆڭلەك سېتىپ، 400 كۆڭلەككە زاكاز ئالدى. شۇنىڭ بىلەن ئاچا-سىڭىللارنىڭ ئىشەنچى ئېشىپ، تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، نامراتلىق قالپىقىنى بالدۇراق چۆرۈپ تاشلاشقا بەل باغلىدى. ھازىر كوپىراتىپتىكى 25 ئايال تىككەن كۆڭلەكلەر بازار ئىھتىياجىنى قامدىيالمايۋاتقان بولغاچقا، ئۇلار كوپىراتىپنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ئەتراپ كەنتتىكى سىرتقا چىقىپ ئىشلىيەلمەيدىغان ئاياللارنىمۇ كوپىراتىپقا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، تىككۈچىلەرنى تېخنىكا جەھەتتىن تېخىمۇ مۇكەممەل تەربىيەلەپ، ئەرلەر ۋە بالىلار كىيىملىرىنىمۇ تىكىپ، توردا سېتىش يوللىرىنى ئىچىش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتتى.

  زامانىۋى تىرىقچىلىق دېھقانلارغا ئىشەنچ ئاتا قىلدى

  يېڭىتام كەنتىدە يەر ئاز بولۇپ، كىشى بېشىغا 1.8مو يەر توغرا كېلەتتى. ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىغا تايانغاندا، دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىن ئىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن مىشا يېزىسىنىڭ يېڭىتام كەنتىدە تۇرۇشلۇق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە مەسئۇل 1-شۇجى مەخمۇت مەمەت ئازغىنا يەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، يۇقىرى ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش توغرىسىدا كۆپ باش قاتۇردى. ئۇ ئىزدىنىش ئارقىلىق، بۇ كەنتتە بۇلتۇر كۆكتات تېرىقچىلىقى بىلەن شوغۇللىنىپ، 1.1 مو يەردىن 8200 يۈەن كىرىم قىلغان بىر دېھقاننىڭ بارلىقىنى بايقىدى. بۇ كەنتتىكى كۆكتات سودىگىرى ئېلى ئەبەي يېزا بازىرىدا كۆكتاتچىلىق قىلىپ، كۈندە 600-700 يۈەن كىرىم قىلاتتى. كەنتتە ئادەتتە كۆكتات سېتىش ئورنى بولمىغاچقا، دېھقانلار يېزى مەركىزىدە ھەپتىدە بىر بولىدىغان بازاردىن ھەپتىلىك كۆكتاتنى بىراقلا سېتىۋالاتتى. مەخمۇت مەمەت كۆكتات سودىگىرى ئېلى ئەبەي ھەم كۆكتات تېرىش تېخنىكىسى بارلارنى يىغىپ، ئۇلارنى يېتەكلەپ، 5 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان «خۈيجۈ» كۆكتاتچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى ھەم كۆكتات سۈپەتلىك بولسىلا، بېكىتىلگەن باھا بويىچە سېتىۋىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، پايدىنىڭ %90ىنى دېھقانغا قايتۇرۇپ، ٪10ىنى كوپىراتىپ ئېلىپ قېلىش شەكلى بىلەن توختاملىشىپ ئىش باشلىدى. كۆكتاتلار بازارغا سېلىنغاندا، ئەتراپتىكى مەكتەپلەرنى كۆكتات بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، مەھەللىلەردە مۇقىم باھالىق كۆكتات دۇكانلىرىنى ئىچىپ، نامرات ئائىلىلەردىن ئون نەچچە كىشىنى خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلەش پىلانى تۈزۈلدى. كەنتتىكى بۇرۇنقى بەش مو كۆكتات ئېتىزى ھازىر 130 موغا كۆپەيدى. دېھقانلار قورۇسىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بوش ئورۇنلاردىن پايدىلىنىشقا سەپەرۋەر قىلىنىپ، يېڭىدىن 30 مو كۆكتاتلىق كۆپەيتىلدى. بۇغداي ئورۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئېڭىز ئورنىغا كۈزلۈك كۆكتات تېرىلىپ، كۆكتاتلىق كۆلىمىنى 400 موغا يەتكۈزۈش پىلانلاندى. خىزمەت ئەترىتى دېھقانلارنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بىلىملىرىنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن مەخسۇس تېخنىكلارنى تەكلىپ قىلىپ، دېھقانلارنى ئۇرۇقلۇق بىلەن تەمىنلىدى ھەم كۆكتات، مېۋە، كېۋەز ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى بويىچە مەخسۇس تەربىيەلىدى. دېھقانلار تېخنىكلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن كۆكتات ۋە قوغۇن پەرۋىشىنى باشلاپ، زامانىۋى تېرىقچىلىق قىلىپ، مول ھوسۇل ئېلىش ئىشەنچىنى ئاشۇردى.

  «ئۆي قۇشى باقمىچىلىقى» دېھقانلارنىڭ كىرىم يوللىرىنى كۆپەيتتى

  يېڭىتام كەنتىدە كەپتەر بېقىش ھەۋەسكارلىرى كۆپ ئىدى، 157 ئائىلە مەخسۇس كەپتەر باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىناتتى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنتنىڭ بۇ ئەۋزەللىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، كەپتەر باقمىچىلىقىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن، كەپتەر ھەۋەسكارى مەخمۇت ئابلىمىتنى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا يېتەكلەپ، «تېڭفىي» كەپتەر باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى. بۇ كوپىراتىپ كەپتەر سېتىۋالىدىغان ئورۇنلار بىلەن ھەپتىدە 400 كەپتەر يەتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدا توختاملاشتى ھەم ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، كەپتەر سېتىش مەخسۇس ئورنىدىن بىرنى قۇرۇپ، قەشقەر شەھىرىدىكى تاماقخانىلارنى تەمىنلەش، ناھىيە بازىرىدا مەخسۇس كەپتەر شورپىسى ئاشخانىسى ئېچىش، كەپتەر گۆشىنى پىششىقلاش، ۋاكئوملانغان خالتىغا قاچىلاپ توردا سېتىش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلەرنى باشلىدى.

  خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى مەخمۇت مەمەت مۇنداق دېدى: نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە بازارنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تايىنىپ يەرلەرنى كوپىراتىپقا پاي قىلىپ قوشۇپ، قوشقان پاي نىسبىتى بويىچە پايدا تەقسىملەش شەكلىنى قوللىنىپ، بىر تۈركۈم نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن تېز قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردۇق. ھازىر كەنتىمىزدە قۇرۇلغان «خۈيجۈ» كۆكتاتچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، «تېڭفىي» كەپتەر باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، «چياشوۋ» تىككۈچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 150 نەچچە نامرات دېھقان-چارۋىچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. يەنە يېقىن كەلگۈسىدە كەنتتىكى ياغاچچى، تامچى قاتارلىق ھۈنەرۋەن، كاسىپلارنى يىغىپ ئۇلارغىمۇ يول باشلاپ، ئىگىلىك تىكلەپ نامراتلىقتىن بالدۇراق قۇتۇلۇشقا يېتەكلەيمىز.

  يېڭىتام كەنتىدىكى دېھقان مەخمۇت ئابلىمىت مۇنداق دېدى: پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن كەنتىمىزدىكى «تېڭفىي» كەپتەر باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئىشقا ئورۇنلاشتىم. ھازىر كوپىراتىپىمىزغا 50 نەچچە دېھقان ئەزا بولۇپ كىردى. بېقىۋاتقان كەپتەر 10 مىڭغا يېقىنلاشتى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئىلمىي ئۇسۇلدا باقمىچىلىق قىلىش ۋە بازار ئېچىش ئىشلىرىمىزغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ، كەپتەر باقمىچىلىقى ئارقىلىق ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساقلا، نامراتلىقتىن تېزرەك قۇتۇلۇپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىمىزدە گەپ يوق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە مۇلازىمەت قىلىشنى ئەستايىدىل، ئىنچىكىلىك بىلەن ياخشى ئىشلەپ، …
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2018–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى توغرىسىد…
    ·فۇجيەندە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 2021-يىلىدىن باشلاپ ئىجتىمائىي پەن بىلەن تەبىئىي پەنگە ئايرىش ئەم…
    ·«مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار ئوزۇقلۇق كۈنى»دە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ‏ساغلام ئېغىرلىقىغا ئېتىبار بېر…
    ·ئوقۇغۇچىلار يازلىق تەتىللىك پويىز بېلىتى سېتىلىشقا باشلىدى
    ·ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى 10 تۈرلۈك چەكلەش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلدى
    ·ئىككى مىنىستىرلىك: ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يەرلىكتىكى ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچى…
    ·ئىككى تارماق ھۆججەت چىقىرىپ، مەبلەغ ئاجرىتىپ نامرات رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ياردەم پۇلى بېرىشنى…
    ·پۈتۈن مەملىكەتتىكى نامرات ناھىيەلەردە %94.7 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ‏ئوقۇتۇش شارائىتى «تۆۋەن…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تۈزەش مەخسۇس تۈ…