باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە مۇھىت تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ بايرىمى ھەر خىل شەكىللەردە تەبرىكلەندى

2018.05.28 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى 1-ئاۋغۇست كوچا باشقارمىسىدىكى مۇھىت تازىلىق ئىشچىلىرى ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئالماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 16-قېتىملىق مۇھىت تازىلىق ئىشچىلىرى بايرىمى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى رايون، باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە مەھەللە كومىتېتلىرى كۆپ خىل شەكىلدىكى ھال سوراش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇھىت تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىگە تەشەككۈر بىلدۈردى.

  5-ئاينىڭ 24-كۈنى سايباغ رايونلۇق شەھەر قىياپىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 1-ئاۋغۇست كوچا باشقارمىسى «گۇچېڭ» جەنۇبىي مەھەللە كومىتېتىدا مۇھىت تازىلىق ئىشچىلىرىدىن ھال سوراش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 1-ئاۋغۇست كوچا باشقارمىسىدىكى 327 مۇھىت تازىلىق ئىشچىسىغا گۈرۈچ، ماي ۋە كىر يۇيۇش پاراشوكى تەقدىم قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت مۇھىت تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ خىزمىتىگە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم مۇھىت تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرگەن. ئۇلارنىڭ ئايلىق مائاشى 2011-يىلىدىكى 1488.64 يۈەندىن 2581.03 يۈەنگە ئۆسكەن. قار تازىلاش مەزگىلىدە يىغىلىپ قالغان قارلارنى تازىلاشقا قاتناشقان مۇھىت تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ ھەر بىرىگە بىر قېتىمدا 50-100 يۈەنگىچە تولۇقلىما پۇل بېرىلىپ، مائاش تەمىناتىدا زور ئۆزگىرىش بولغان.

  2011-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت مۇھىت تازىلىق ئىشچىلىرىغا ھەقسىز ناشتىلىق تەييارلاپ بېرىشنى قارار قىلدى. ناشتىلىقتا تۇخۇم، خام سەي، ئاساسىي تاماق ۋە شوۋىگۈرۈچ بېرىلىدىغان بولۇپ، ناشتىلىق بىلەن تەمىنلەش ئۆلچىمى كىشى بېشىغا 3.5 يۈەن. قار تازىلاش مەزگىلىدە ناشتىلىق ئۆلچىمى كىشى بېشىغا 5.5 يۈەنگە يېتىدۇ؛ پۈتكۈل شەھەردە جەمئىي 300 دىن ئارتۇق ناشتىلىق نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، كۈندە 25 مىڭدىن ئارتۇق مۇھىت تازىلىق ئىشچىسىغا ناشتىلىق تەمىنلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر