- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئەمدى ئىللىپ نەچچە كۈن بولمايلا، تېمپېراتۇرا يەنە تۆۋەنلەيدىغان بولدى
2018.05.28 16:30 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قاتتىق يامغۇر ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئوچۇق ھاۋارايى ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىر نەچچە كۈن داۋاملاشتى، 27-ماي شەرقىي جەنۇب شامىلى ئىسسىق ھاۋارايىنى ئېلىپ كەلدى، شۇ كۈندىكى تېمپېراتۇرا سائەت 13تە 26.8 سېلسىيە گرادۇس، سائەت 17دە 29.6 سېلسىيە گرادۇس بولدى.
ئىسسىق شامال قارىماققا كىشىگە ئەمدى يازنىڭ ھەقىقىي ئىسسىقى يېتىپ كەلگەندەك تۈس بەردى، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى تېخىمۇ ئىسسىق بولدى، سائەت 16 دە تېمپىراتۇرا 31.9 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقتى، بۇ، ئاپتوموبىل ھەيدىگەن كىشىلەرگە ھەقىقىي ياز ئىسسىقىنىڭ تەسىراتىنى بەردى.
31 سېلسىيە گرادۇسلۇق تېمپېراتۇرا بىر كۈن داۋاملاشماي، 28-ماي كېچىدە يېڭى بىر سوغۇق ئېقىمنىڭ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىشى مۆلچەرلەندى. 29-ماي ھاۋا تېمپېراتۇرىسى روشەن تۆۋەنلەيدىغان بولۇپ، كۈندۈزدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 21 سېلسىيە گرادۇس بولۇشى مۇمكىن. بۇ بىر تارماق ئېقىمدىكى سوغۇق ھاۋارايى بولۇپ، شەھەر ئىچىدە نەچچە كۈن ھاۋانىڭ بۇلۇتلۇق بولىدىغانلىقى، يۇقارقى تاغدا يامغۇر ياغىدىغانلىقىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر