خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، تاماشىبىنلار بېيجىڭ سودا يەرمەنكىسىنىڭ بېيجىڭ فېڭتەي رايونى ئېلېكتىرونلۇق سودا كۆرگەزمە رايونىدا ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا. شۇ كۈنى، 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو (بېيجىڭ) خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ، 120 دۆلەت ۋە رايوننى يەرمەنكە ئۆتكۈزۈش ۋە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.
يەرمەنكىدە، مۇلازىمەت كەسپى ۋە مۇلازىمەت سودىسىنىڭ «ئېچىۋېتىلگەن، يېڭىلىق يارىتىشچان، يۇغۇرما» تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ باش تېما ۋە ئاساسىي لىنىيە چۆرىدىلىپ، 130 نەچچە مەيدان مۇنبەر، يىغىن ۋە سودا كېڭىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى