باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «چارە»نى تەستىقلاپ تارقاتتى

نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىنى نەتىجىلىك باشقۇرۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2018.05.29 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا مالىيە مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ «نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىنى نەتىجىلىك باشقۇرۇش چارىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ)نى تەستىقلاپ تارقاتتى، بېسىپ تارقىتىلغان كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» ۋە 2017-يىللىق مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكەل جېڭىنى ياخشى قىلىش سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مالىيە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، «چارە»دە نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىنى نەتىجىلىك باشقۇرۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  «چارە»دە مۇنۇلار بېكىتىلدى: نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىغا ئۆز قەرەلىدە يېتىشى ئۈچۈن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكەل جېڭى تۈرىنى قوللايدىغان(شەخس ۋە ئائىلىلەرگە بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەر خىل مالىيە مەبلىغىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ نامراتلارنى كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش، نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۆلەش، خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش، نامراتلارنى مائارىپ ئارقىلىق يۆلەش، نامراتلارنى ساغلاملىق ئارقىلىق يۆلەش، نامراتلارنى ئېكولوگىيە ئارقىلىق يۆلەش، ئاساسىي داۋالىنىش، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش، يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى شۇنداقلا نامراتلارنى فوتوۋولت ئارقىلىق يۆلەش، نامراتلارنى ساياھەت ئارقىلىق يۆلەش، نامراتلارنى مەدەنىيەت ئارقىلىق يۆلەش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق ياكى قىسمەن تۈر مەبلىغىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىنى نەتىجىلىك باشقۇرۇشتا نىشاننى يېتەكچى قىلىپ، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىش تەقسىملەپ مەسئۇل بولۇش، پۈتۈن جەرياننى ئىزلاپ تەكشۈرۈپ، باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈكنى يېنىكلىتىش پىرىنسىپىگە بويسۇنۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر