باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئىراننىڭ ئۈچ ئەمەلىي گەۋدىسى ۋە ئالتە ئىرانلىقنى جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

2018.05.31 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 30- ماي ئىراننىڭ ئۈچ ئەمەلىي گەۋدىسى ۋە ئالتە ئىرانلىقنى جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: جازالانغۇچىلار ئىران «ئاللاھپەرەسلەر» تەشكىلاتى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۈچ ئەزاسىنى، يەنە يىۋېن تۈرمىسى، خانىستا پىروگرامما گۇرۇھى، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى ئەمەلدارى ۋە ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى رادىيو ئىدارىسىنىڭ بىر مەسئۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى: بۇ ئەمەلىي گەۋدە ۋە شەخسىيلەر ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جازالاندى، دېدى.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 5-ئاينىڭ 8- كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسى بويىچە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىدىن چېكىنگەنلىكىنى ھەمدە بۇ كېلىشىم سەۋەبلىك بىكار قىلىنغان ئىراننى جازالاشنى قايتا قوزغاتقانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئارقىدىن، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئىران بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كۆپ قېتىملىق جازالاشنى قوزغىدى. ئىران تەرەپ ئامېرىكىنىڭ بۇ جازالاش قارارىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر