باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پەن تەتقىقات سەمىمىيىتى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» نى بېسىپ تارقاتتى

2018.05.31 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «پەن تەتقىقات سەمىمىيىتى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، جايلار، تارماقلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

  «پەن تەتقىقات سەمىمىيىتى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  پەن تەتقىقات سەمىمىيىتى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۇل تېشى. يېقىنقى يىللادىن بۇيان، ئېلىمىز پەن تەتقىقات سەمىمىيىتى قۇرۇلۇشىنىڭ خىزمەت مېخانىزمى، تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تەربىيە بېرىش ۋە يېتەكلەش، نازارەت قىلىش، جازالاش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بىراق ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا كەمتۈكلۈك ۋە ئاجىز ھالقىلار يەنىلا مەۋجۇت، پەن تەتقىقات سەمىمىيىتى تەلىپىگە خىلاپ قىلمىشلار پات-پات يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئىلىم-پەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، پەن تەتقىقات سەمىمىيىتى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، ياخشى پەن تەتقىقات مۇھىتى يارىتىش توغرىسىدا تۆۋەندىكى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

  ئومۇمىي تەلەپ

  يېتەكچى ئىدىيە. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئومۇمىي تەلەپى بويىچە، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇشنى نىشان، تەتقىقات سەمىمىيىتى قۇرۇلۇشىنى تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پەن تەتقىقات سەمىمىيىتى خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى كاپالەت قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش بىلەن جازالاشنى تەڭ ئېلىپ بېرىشتا، تەلەپچان بولۇش ۋە نازارەتچىلىككە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە، چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، تەخىرسىز بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن تەتقىقات سەمىمىيىتى تەلىپىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان پەن تەتقىقات سەمىمىيىتى قۇرۇلۇشى يېڭى ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، ھەقىقەت ئىزدەش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەشتەك ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، دۇنيا بويىچە پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئىجتىمائى مەدىنىيەت ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر