باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى 13 چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2018.05.31 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور پونكىتى 30-ماي يېقىندا ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى 13 چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان دېلولار پۈتۈن مەملىكەتتىكى 13 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان 13 مەسىلە ئىچىدە 23 كىشى قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەم يېزا-بازارلىق پونكىتلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ھەم يېزا دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بار. قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى يۈز بەرگەن ۋاقىتتىن قارىغاندا، 13 دېلودىكى ئىنتىزام-قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن يۈز بەرگەن، توققۇزى 2016-يىلدىن كېيىن ياكى قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى ئۇدا 2016-يىلىدىن كېيىنگىچە داۋاملاشقان بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %69تىن ئېشىپ كەتكەن.

  بۇ قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان ئۈچ مەسىلە ئاساسىي قاتلامدىكى يېيىش، ئېلىش، قىسىش، تەلەپ قىلىش مەسىلىسى ۋە دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مەبلىغىگە كۆپ قېتىم «قارا قولى»نى سۇنۇش مەسىلىسى ۋە «تاغدا ياشىسا تاغنى، باغدا ياشىسا باغنى غاجاش»تەك چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىگە چېتىلىدىكەن. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور پونكىتى مۇنداق كۆرسەتتى: ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ ھېچقايسىسى كىچىك ئىش ئەمەس، جەزمەن كۆڭۈل قويۇپ ھەل قىلىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، نوچىلارغا تېگىشكە جۈرئەت قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى قوغداشتەك ھەقىقىي ئۈنۈم بىلەن ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىياسىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر