باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز بۇ يىل 1-ئىيۇلدىن باشلاپ كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىدۇ

2018.05.31 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30-ماي ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى كەڭ دائىرىدە تۆۋەنلىتىپ، ئاممىنىڭ كۆپ خىللاشقان ئىستېمال ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش قارار قىلىندى.

  بۇ ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىمپورت تاموژنا بېجىنى خېلى زور نىسبەتتە تۆۋەنلەتكەندىن كېيىن، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىكى يەنە بىر مۇھىم تەدبىرى.

  يىغىندا كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىشنىڭ ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە قىستاشقا پايدىلىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: بۇ يىل 1-ئىيۇلدىن باشلاپ، كىيىم-كېچەك، ئاشخانا ۋە تەنتەربىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنىڭ ئوتتۇرىچە باج نىسبىتى %15.9تىن %7.1كە تۆۋەنلىتىلىدۇ؛ كىرئالغۇ، توڭلاتقۇ قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنىڭ ئوتتۇرىچە باج نىسبىتى %20.5تىن %8كە تۆۋەنلىتىلىدۇ؛ باقمىچىلىق، تۇتمىچىلىق سۇ مەھسۇلاتلىرى ۋە مىنېرال سۇ قاتارلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنىڭ ئوتتۇرىچە باج نىسبىتى %15.2تىن %6.9كە تۆۋەنلىتىلىدۇ؛ يۇيۇش بۇيۇملىرى ۋە تېرە ئاسراش، چاچ ياساش قاتارلىق پەرداز بۇيۇملىرى شۇنداقلا قىسمەن داۋالاش، ساغلاملىق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنىڭ ئوتتۇرىچە باج نىسبىتى %8.4تىن %2.9كە تۆۋەنلىتىلىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار باجنى كېمەيتىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارىلىقتىكى ھالقىلاردا باھا قوشۇپ پايدا ئېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىستېمالچىلارغا نەپ يەتكۈزۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپلەرنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر