باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئاقساراينىڭ باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردى

ھەر قېتىملىق يۈز ئۆرۈش دۆلەتنىڭ ئىناۋىتىنى يەنە بىر قېتىم خورىتىدۇ ۋە ئىسراپ قىلىدۇ

2018.05.31 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 30-ماي ئامېرىكا ئاق ساراي 29-ماي ئېلان قىلغان باياناتقا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خەلقئارا مۇناسىۋەتتە، ھەر قېتىم يۈز ئۆرۈش ۋە ھېلى ئۇنداق، ھېلى مۇنداق بولۇشنىڭ ھەممىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىناۋىتىنى يەنە بىر قېتىم خورىتىدۇ ۋە ئىسراپ قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنى گېپىدە تۇرۇشقا، قوشما بايانات روھى بويىچە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلىدۇ.

  شۇ كۈندىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئاق ساراي 29-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن، جۇڭگودىن ئامېرىكىغا كىرگۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سوممىسى تەخمىنەن 50 مىليارد دوللارلىق زور ھەجىمدىكى سانائەت-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇلاردىن %25 تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  خۇا چۈنيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلقئارا مۇناسىۋەتتە، ھەر قېتىم يۈز ئۆرۈش ۋە ھېلى ئۇنداق، ھېلى مۇنداق بولۇشنىڭ ھەممىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىناۋىتىنى يەنە بىر قېتىم خورىتىدۇ ۋە ئىسراپ قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار باياناتى روشەنكى يېقىندا جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ۋاشىنگتوندا ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشقا زىت. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنى گېپىدە تۇرۇشقا، قوشما بايانات روھى بويىچە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلىدۇ.

  خۇا چۇنيىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو باشتىن-ئاخىر باراۋەر سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق، ئالاقىدار ئىقتىساد- سودا ئىختىلاپلىرىنى ئىجابىي ئۇسۇلدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ۋە ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بۇ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ كەلگۈسى تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، بۇ ھەم خەلقارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.

  خۇا چۇنيىڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭگونىڭ سودا جېڭى قىلغۇسى يوق، ئەمما قىلىشتىن قورقۇپمۇ قالمايدۇ. ھەممىگە مۇناسىپ تەدبىر كۆرىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا تەرەپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن خالىغىنىنى قىلسا، جۇڭگو تەرەپ قەتئىي، كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ يوللۇق مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر