باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۇقىرى يېڭى تېخنىكا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش قاتارلىقلار يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى

25 ئۆلكىنىڭ چوڭ تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش پىلانى ئاشكارىلاندى

PPP غا ئائىت قانۇن چىقىرىش خىزمىتى جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ، باشقا مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەدبىرىنىڭ يولغا قويۇلىشىدىن ئۈمىد بار

2018.05.31 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چوڭ تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش جايلاردا قىزغىن ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ تولۇقسىز ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە ئاز دىگەندىمۇ 25 ئۆلكە چوڭ تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش پىلانىنى سىرتقا ئاشكارىلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە جىلىن، خېبېى، جياڭسۇ، فۇجيەن، جياڭشى قاتارلىق 10 ئۆلكىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئومۇمىي كۆلىمى 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشقان. بىراق بۇ يىلقى مەبلەغ قۇرۇلمىسىدا ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن روشەن ئۆزگىرىش بولۇپ، «ئۈنۈملۈك مەبلەغنى كېڭەيتىش» چوڭ تۈرلەر ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆزگە ئايلاندى. يۇقىرى يېڭى تېخنىكا، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش قاتارلىقلار مەبلەغ سېلىش قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە، PPP غا ئائىت قانۇن چىقىرىش خىزمىتى جىددىي تەتقىق قىلىنىىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك باشقا تەدبىرلەرنىڭ تېز يولغا قويۇلىشىدىن ئۈمىد بار.

  نۇرغۇن جايلاردا بۇ يىل تۈر يىلى قىلىنىپ، «تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇش، چوڭ تۈرلەرنى تۇتۇش» يولغا قويۇلدى. چوڭ تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش پىلانىنى ئېلان قىلغان 25 ئۆلكىدىن قارىغاندا، ئاز دېگەندىمۇ جىلىن، خېبېى، جياڭسۇ، فۇجيەن، جياڭشى، گۇاڭدوڭ، خۇنەن، خۇبېي، خېنەن، گۇاڭشى، يۈننەن قاتارلىق 11 ئۆلكىنىڭ چوڭ تۈرلەرگە سالغان مەبلىغى 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشقان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر