باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تاراتقۇلىرى ئىتتىپاقلىشىپ شىنجاڭ ساياھىتىنى كېڭەيتتى

2018.05.31 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ «شىنجاڭ ساياھەت مۇھاكىمە يىغىنى ۋە 2018- يىللىق ياز پەسلى چوڭ تىپتىكى تەشۋىقات پائالىيىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى»دىن ئۇقۇشىچە، 29- ماي چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىن كەلگەن 20دىن ئارتۇق تاراتقۇ كەسپى ۋە ساياھەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇتەخەسسىس ۋە ئالىم قاتارلىقلاردىن 100 نەچچە ئادەم شىنجاڭ تاراتقۇلىرى ساياھىتىنى كېڭەيتىش ئىتتىپاقى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان، ھەمدە تاراتقۇلار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ شىنجاڭ ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلغان.

  ئىتتىپاقنى كېڭەيتىپ قۇرۇش مۇراسىمدا، يىغىنغا قاتناشقان تاراتقۇ ۋەكىللىرى «شىنجاڭ تاراتقۇلار ساياھىتىنى كېڭەيتىش ئىتتىپاقى تەشەببۇسنامىسى»غا بەس-بەستە ئىمزا قويۇشۇپ، شۇ ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى تاراتقۇلارنىڭ شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈش، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىش ۋە شىنجاڭ ساياھىتىنى كېڭەيتىش ئارزۇسىنى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكىلەرنىڭ شىنجاڭنى چۈشۈنىشى ۋە ياخشى كۆرۈشىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەتچىلىك جەمئىيىتى يەنە «بۈگۈنكى باش بەت»، «تېڭشۈن ئاخباراتى شىنجاڭ سىياسىي ئىشلار ساياھىتى» ۋە «بەيدۇ شىركىتى» قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىشىش ئارقىلىق، شىنجاڭ ساياھەت بايلىقىنى بىرلىكتە تەشۋىق قىلىش ۋە كېڭەيتىپ ئېچىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر