باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇلاق بېشى مەھەللىىسىدىكى ئىناقلىق كۈيلىرى

2018.05.29 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت) يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبىي يولىغا جايلاشقان بۇلاق بېشى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئالدى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. بۇ كۈنى ئاھالىلەر كومىتېتى تەۋەلىكىدىكى ھەر مىللەت ئامما «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈيىنى ياڭرىتىپ، بىرلىكتە ئىناق بەخت ناخشىسى»نى ئېيتتى.

  5-ئاي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيى. بۇلاق بېشى ئاھالىلەر كومىتېتى ھەر يىلى 5-ئايدا سەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق، تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، بۇ ئارقىلىق مەھەللىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دوستلۇق، قوشنىدارچىلىق ۋە تۇغقانچىلىق مېھىر – مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. مەھەللىدىكى ياخشى ئىش، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەر ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلقنى ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈپ، تىنچ، خاتىرجەم مۇھىتنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۈندەيدۇ.

  بۇ قېتىملىق پائالىيەت 8-قېتىملىق «قوشنىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىق كۈيى» تېمىسىدىكى پائالىيەت بولۇپ، بۇ كۈنى ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى خىزمەتچىلەر، مەھەللىدىكىلەر، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئۆزلىرى تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن مەيدان كەيپىياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇردى. ئۇلار ئورۇنلىغان «بىر ئائىلە كىشىلىرى»، «بىر پىيالە مەي»، «مۇڭلۇق ساكىس كۈيى»، «كوچا ئۇسسۇلى»، «ئۇسسۇل ئوينايلى» قاتارلىق نادىر نومۇرلار ئاھالىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى. قوشنىلار بىرلىكتە ئۇسسۇل ئويناپ، ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇشنى كۈيلىدى. بۇ كۈنى ئاھالىلەر كومىتېتى تەۋەلىكىدىكى تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا سومكا ۋە ئوقۇش قوراللىرى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى سوۋغا قىلدى.

  __ بىزنىڭ قورۇدا ئەزەلدىن ھەر مىللەت خەلقى ئىنتايىن ئىجىل-ئىناق ئۆتۈپ كەلگەن،_دېدى سودا نازارىتىدىن دەم ئىلىشقا چىققان 71 ياشلىق بوۋاي باۋۇدۇن نىياز. _ ئاھالىلەر كومىتېتىمىز يېقىندىن بۇيان ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ھەر مىللەت قولۇم-قوشنىلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دوستلۇق رىشتىنى تېخىمۇ چېڭىتماقتا. بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق پائالىيەتلەر تېخىمۇ كۆپ ئېلىپ بېرىلسا تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ رەڭدارلىشىپ، مول مەزمۇنلارغا ئىگە بولاتتى.

  بۇلاقبېشى ئاھالىلەر كومىتېتى تەۋەلىكىدە نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەر بولۇپ، ئۇلار تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرى بىلەن بۇ مەھەللىنى قوينى ئىللىق گۈزەل ماكانغا ئايلاندۇردى.

  بۇ قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق 36 ياشلىق يىگىت ئابدۇرازاق ئابدۇرۇسۇل ئۆزى ئولتۇرۇۋاتقان بىنانىڭ بىنا باشلىقى، ئۇ قورۇ ئىچىدە چوغلان تاللا بازىرىنى ئاچقاندىن بۇيان، مەھەللە ئورۇنلاشتۇرغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەت، ھەر قېتىملىق يىغىن، ھەر قېتىملىق باھالاشقا ئاكتىپ قاتنىشىدۇ، كىمنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بولسا، ئۇ بىرىنچى بولۇپ خەۋەر تاپىدۇ ھەم بىرىنچى بولۇپ شۇ يەرگە ھازىر بولىدۇ. بۇلتۇر يازنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ھاۋا بەك ئىسسىق بولۇپ، بۇ تەۋەلىكتىكى ياشانغانلار پائالىيەت رايونىدا ۋاڭ مومايغا ئىسسىق ئۆتۈپ قىلىپ، تۇيۇقسىز ھوشىدىن كەتتى. پائالىيەت ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ياشانغانلار بولغاچقا، ۋاڭ موماينىڭ ھوشىدىن كەتكىنىنى كۆرۈپ جىددىيلىشىپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئابدۇرازاق ئابدۇرۇسۇل پائالىيەت ئۆيىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ يۈگۈرۈپ كىرىپ دەرھال 120گە تېلېفون قىلدى. ئۇ جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن موماينى ئېلىپ دوختۇرخانىغا باردى. موماي ھوشىغا كېلىپ پەرزەنتلىرى كېلىپ بولغۇچە، ئۇ موماينىڭ يېنىدىن ئايرىلمىدى. مۇشۇ ئىشتىن كېيىن ئۇلار تۇغقانلاشتى. ئابدۇرازاقنىڭ ئاپىسى كىچىك ۋاقتىدا تۈگەپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ ئاپىسىنىڭ سىماسىنىمۇ ئەسلىيەلمەيتتى، ۋاڭ موماينىڭ پەرزەنتلىرى خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، ئۇنىڭ قېشىغا دائىم كېلىپ بولالمايتتى. ئابدۇرازاق ۋاڭ مومايغا خۇددى ئۆز ئانىسىغا كۆيۈنگەندەك كۆيىنىپ، ئېغىر-يىنىك ئىشلىرىنى قىلىپ بەردى. ۋاڭ مومايمۇ زېرىكسىلا ئابدۇرازاقنىڭ دۇكىنىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ، ئۆزىنى بۇ قورۇدا يالغۇز ھېس قىلمايدىغان بولدى. ئابدۇرازاق ۋاڭ مومىسىلا ئەمەس، قورۇدىكى ياشانغانلارنىڭ ھەممىسىگە مانا مۇشۇنداق قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدۇ.

  ئۇنىڭ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرى بار، ئۇ بىر دۇكان غۇجايىنى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ يەنە ئاشپەز، ئامانلىق ساقلاش پىدائىيسى، سەھىيە تەشۋىقاتچىسى، ئاھالىلەر ۋەكىلى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىمۇ بار. ھەر قېتىم مەھەللىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە ئۇ پولۇ ئېتىدۇ، ئۇنىڭ ئەتكەن پولۇسىنى بۇ قورۇدىكى ھەر مىللەت كىشىلىرى مەززە قىلىپ يەيدۇ.

  ئولتۇراق رايون ئىچىدىكى سەككىز تۈتۈن كەينىدە كۆپ يىللاردىن بۇيان يىغىلىپ قالغان ئەخلەت سەككىز تۈتۈن ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، يازدا ئىسسىقتا ئاھالىلەر سېسىقچىلىقتىن دېرىزە ئاچالماي بەك قىينالدى. بۇنى كۆرگەن ئابدۇرازاق قورۇدا ياشانغانلارنىڭ كۆپلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈچ كۈندە ئەخلەتلەرنىڭ ھەممىسىنى پاكىز تازىلىۋەتتى. ئابدۇرازاقنىڭ گەرچە مەدەنىيەت سەۋىيەسى يۇقىرى بولمىسىمۇ، ئىدىيەسى ئىلغار، مەھەللە جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈپ، پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئاھالە كومىتېتى بىلەن ئاھالىلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ. بۇ مەھەللىدە ھەر مىللەت خەلقى ئىنتايىن ئىجىل-ئىناق ئۆتكەچكە نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەر بارلىققا كەلگەن، بۇلاق بېشى ئاھالىلەر كومىتېتى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار ئورۇن» بولۇپ باھالانغان.

  ئابدۇرازاق ئابدۇرۇسۇل مۇنداق دېدى: مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئائىلە قورۇسىدا تۇغۇلۇپ، كىچىكىمدىن ھەر مىللەت بالىلىرى بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان. ئاپام كىچىكىمدىلا تۈگەپ كەتكەچكە، دادام بىز ئۈچ بالىنى ئۆزى بېقىپ قاتارغا قوشتى، خەنزۇ قوشنىلىرىمىز بىزگە باشقا بالىلارغا قارىغاندا بەكرەك مېھرىبانلىق قىلاتتى. دۆلەتنىڭ سىياسىتى بەك ياخشى بولغاچقا، بىز ساغلام چوڭ بولدۇق. مەن گەرچە بىر يەككە تىجارەتچى بولساممۇ، ۋەتىنىمگە بولغان مىننەتدارلىقىم چوڭقۇر. پارتىيە، ھۆكۈمەت بىزگە شۇنداق ئەۋزەل شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ، ئاھالىلەر كومىتېتىمۇ خەلقنىڭ دەردىگە يېتىپ، نېمە قىيىنچىلىقىمىز بولسا ھەل قىلىپ بېرىۋاتىدۇ. مەن ھازىر ياش، سالامەتلىكىممۇ ياخشى، شۇڭا قولۇمدىن كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىشىم، قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ياردەم قىلالىغۇدەك قۇربىم يەتسە ياردەم قىلىشىم كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر