باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاراقاش ناھىيەسىدىن كەلگەن 50 كەشتىچى قىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھەقسىز كەشتىچىلىك ئۆگىنىدۇ

2018.05.30 15:11   مەنبە: خەلق تورى

قاراقاش ناھىيەسىدىن كەلگەن 50 كەشتىچى قىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھەقسىز كەشتىچىلىك ئۆگىنىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-ماي، جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگىنىش ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەش پىلانى بولغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە تەربىيەلەش كەشتىچىلىك كۇرسى ئېچىلدى، خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسىدىن كەلگەن 50 كەشتىچى قىز بىر ئاي ئۇيغۇر كەشتىچىلىكى بويىچە ھەقسىز تەربىيەلىنىدۇ.

  كەشتىچىلىك جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا كەڭ قوللىنىلىدىغان بىر ماھارەت. كەشتە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ئەڭ ۋەكىللىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر تۈرلۈك بېزەش ھۈنەر-سەنئىتى، كىشىلەرنىڭ كىيىمى، ئاياغ ۋە باش كىيىمى، ئۆي ئىچى بېزەك بۇيۇملىرىدا كەشتە كۆپ قوللىنىلىدۇ. نۆۋەتتە، ئۇيغۇر كەشتىچىلىكى، قازاقلارنىڭ كىگىز ۋە رەخ كەشتىچىلىكى، موڭغۇل كەشتىچىلىكى، قىرغىز كەشتىچىلىكى، شىبەلەرنىڭ كەشتىچىلىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، ئۇلار قىممەتلىك مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

  ئىگىلىنىشىچە، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرىنىڭ ھازىرقى ئەمەلىي سەۋىيەسى ۋە ۋارىسلىق قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھازىرقى زامان تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 2015-يىلى 6-ئايدا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بىلەن مائارىپ مىنىستىرلىقى جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەش پىلانىنى بىرلىكتە يولغا قويغان.

  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تۇنجى تۈركۈمدە بۇ پىلانغا كىرگۈزۈلگەن ئالىي مەكتەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2016-يىلىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەشتىچىلىك بىلەن شىرداق ھۈنەر - سەنئىتى ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپىدىن ئاز كەم 20 قارار ئۇيۇشتۇردى. بۇ قېتىملىق تەربىيەلەش كۇرسى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 9-قارارلىق تەربىيەلەش كۇرسى بولۇپ، بۇرۇنقىدەكلا شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ئاساسەن، نامراتلارنى دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ياردەم بېرىش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە مۇلازىمەت قىلىشنى ئەستايىدىل، ئىنچىكىلىك بىلەن ياخشى ئىشلەپ، …
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2018–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى توغرىسىد…
    ·فۇجيەندە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 2021-يىلىدىن باشلاپ ئىجتىمائىي پەن بىلەن تەبىئىي پەنگە ئايرىش ئەم…
    ·«مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار ئوزۇقلۇق كۈنى»دە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ‏ساغلام ئېغىرلىقىغا ئېتىبار بېر…
    ·ئوقۇغۇچىلار يازلىق تەتىللىك پويىز بېلىتى سېتىلىشقا باشلىدى
    ·ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى 10 تۈرلۈك چەكلەش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلدى
    ·ئىككى مىنىستىرلىك: ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يەرلىكتىكى ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچى…
    ·ئىككى تارماق ھۆججەت چىقىرىپ، مەبلەغ ئاجرىتىپ نامرات رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ياردەم پۇلى بېرىشنى…
    ·پۈتۈن مەملىكەتتىكى نامرات ناھىيەلەردە %94.7 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ‏ئوقۇتۇش شارائىتى «تۆۋەن…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تۈزەش مەخسۇس تۈ…