خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 29- كۈنى خەلق سارىيىدا ئەنگلىيە يورك كېنەزى، شاھزادە ئاندىروۋ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ شاھزادە ئاندىروۋ ۋە ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ جۇڭگو- ئەنگلىيە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تىرىشقانلىقىنى تەرىپلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن 2015- يىلى ئەنگلىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، جۇڭگو- ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى»ئېچىلدى. ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە زور ئۆزگىرىش بولدى، جۇڭگو- ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى» داۋاملىق پۇختا تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. باش ۋەزىر تېرىسا مىي بۇ يىلنىڭ بېشىدا جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولدى، ئىككى دۆلەت ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقتا ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. جۇڭگو ئەنگلىيە بىلەن يۇقىرى قاتلامنىڭ ئۆزئارا زىيارىتىنى داۋاملىق قۇيۇقلاشتۇرۇپ، قەرەللىك سۆھبەتلىشىشنى ياخشى قىلىپ، جۇڭگو- ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن- ئاخىر توغرا يولدا ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يىتىش ئۈچۈن، جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويىدۇ. جۇڭگو ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش، تەڭ پايدا ئېلىشقا پايدىلىق بولۇپ،ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى»گە تېخىمۇ كۆپ يېڭى مەزمۇن قوشىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى