خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن 30- چېسلا جۇڭنەنخەيدە قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتىنىڭ رەئىسى مورېل بىلەن كۆرۈشتى.
ۋاڭ چىشەن مۇنداق دېدى: قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتى ئادەمنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. نۆۋەتتە خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بوماقتا. بۇنىڭ ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەت ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتىن ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى، بولۇپمۇ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە ئادا قىلىشى كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش مۇھىم ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋە مېھرىبانلىق قىلىش جەھەتتىن تۆھپە قوشۇش روھىنى ئورتاق ئەۋج ئالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ، جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى خەلقئارا قىزىل كىرېست تەشكىلاتى بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى دېگەندەك ھەر ساھەلەردىكىلەرنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.
مورېل جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەردى، جۇڭگونىڭ قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، ھەمدە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى دېگەندەك ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
چېن جۇ كۆرۈشىشكە قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى