خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 30-ماي بېيجىڭدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى بوئۇڭناڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئۇلار بىردەك جۇڭگو-لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى تەكىتلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش باش شۇجى بوئۇڭناڭ ئىككىمىز ئۆتكەن نەچچە يىلدا دائىم كۆرۈشۈپ تۇردۇق، 2017-يىلى ئۆزئارا زىيارەتتە بولدۇق، ھاسىل قىلغان نۇرغۇن ئورتاق تونۇشلىرىمىز ھازىر پائال، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈۋاتىدۇ. مەن 2013-يىلى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگو-لائوس ئومۇميۈزلۈك تەڭ نەپ ئالىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى لائوس تەرەپنىڭ يۈكسەك قوللىشىغا ئېرىشتى. يولداش باش شۇجى بوئۇڭناڭ ئىككىمىز جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشى توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق ھەم بۇنى ئىككى دۆلەتنىڭ قوشما باياناتىغا كىرگۈزدۇق، بۇ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدا كەڭ ئېتىراپ قىلىنىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم يېتەكچىلىك رولىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو-لائوس مۇناسىۋىتىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى