باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كانادادا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ بىر جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى قازا قىلدى، ئۈچ كىشى يارىلاندى

2018.05.31 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ تورونتودا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ 30-مايدىكى ئۇچۇرىغا قارىغاندا، كانادانىڭ تورونتو رايونىدىكى سكاربوروۋگدىكى ئىككى قەۋەتلىك بىر بىنادا شۇ كۈنى سەھەردە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، بىنادا تۇرىدىغان جۇڭگولۇق تۆت ئوقۇغۇچىدىن بىرسى ئۆلۈپ، ئۈچ كىشى يارىلانغان.

  جۇڭگونىڭ تورونتودا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، ئوت ئاپىتى شۇ يەر ۋاقتى 30-ماي سەھەر سائەت ئىككى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن، جۇڭگولۇق تۆت ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسى تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى سكاربوروۋگ مەكتەپ رايونىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 18 ياشلىق بىر قىز بەختكە قارشى قازا قىلغان.

  ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ تورونتودا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانا ئەمەلدارلىرى دوختۇرخانىغا بېرىپ، يارىلانغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىدى. ئىككى ئوغۇل ئوقۇغۇچى شۇ كۈنى دوختۇرخانىدىن چىقتى، يەنە بىر قىز ئوقۇغۇچى يەنە بىر نەچچە كۈن كۆزەتكەندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقسا بولىدۇ. باش كونسۇلخانا ھازىر ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كاناداغا بېرىپ، ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىغا جىددىي ياردەملەشمەكتە.

  نۆۋەتتە، شۇ جايدىكى ساقچى تەرەپ ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر