سۈرەتتە: 29-ماي تارتىلغان ئامېرىكا ۋاشىنگتوندىكى تىجارەتنى توختاتقان ستارباكىس قەھۋەخانىسى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالدىنقى ئايدا بىر قېتىملىق ۋەقە سەۋەبلىك ئىرقىي كەمسىتىش بوھرىنىغا دۇچ كەلگەن ئامېرىكا قەھۋە زەنجىرسىمان دۇكىنى ماگناتى ستارباكىس شىركىتى 29-ماي چۈشتىن كېيىن ئامېرىكىدىكى 8000دىن ئارتۇق دۇكىنىنى تاقاپ، تەخمىنەن 175 مىڭ خىزمەتچىسىگە قارىتا ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيىلەشنى قانات يايدۇردى.بۇ يىل 4-ئايدا، ئافرىقىلىق پۇشتىدىن بولغان ئىككى ئامېرىكىلىق ئەر پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىنىڭ فلادېلفىيە شەھىرىدىكى بىر ستارباكىس قەھۋەخانىسىغا كىرىپ بىر دوستىنى ساقلىغان، بۇ مەزگىلدە ئۇلار تازىلىق ئۆيىنى ئىشلەتمەكچى بولغان، لېكىن دۇكان خادىمى رەت قىلغان، سەۋەبى ئۇلار دۇكاندىن مال سېتىۋالمىغان. تالاش- تارتىشتىن كېيىن، بۇ دۇكان دىرېكتورى ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ساقچى يېتىپ بارغاندىن كېيىن «قانۇنسىز تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن» دېگەننى باھانە قىلىپ، ئىككىسىنى قولغا ئالغان، كېيىن ئۇلار ئەرز قىلىنماي قويۇپ بېرىلگەن. بۇ ئىش ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا ناھايىتى زور غۇلغۇلا قوزغىغان، ستارباكىس ئىرقىي كەمسىتتى، دەپ ئەيىبلەنگەن. نۇرغۇن ئادەم ۋەقەگە چېتىشلىق دۇكانغا بېرىپ ئېتىراز بىلدۈرگەن، يەنە بەزىلەر ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا «ستارباكىسنى بايقۇت قىلىش» پائالىيىتىنى قوزغىغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى