باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مۇھىم ھۆججەتلەردىن تاللانما»نىڭ 3-قىسمى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2018.05.30 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تۈزگەن «پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مۇھىم ھۆججەتلەردىن تاللانما»نىڭ 3-قىسمى مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، بۈگۈندىن باشلاپ ئېلىمىزدىكى ھەر قايسى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا تارقىتىلىدۇ.

  «پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مۇھىم ھۆججەتلەردىن تاللانما»نىڭ 3-قىسمىغا 2015-يىلى 10-ئايدا ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن تارتىپ 2017-يىلى 10-ئايدا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى مۇھىم ھۆججەتلەردىن 72 پارچىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، تەخمىنەن 630 مىڭ خەت. بۇنىڭ ئىچىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قول يازمىسىدىن 34 پارچە، مەركەزدىكى باشقا رەھبىرىي يولداشلارنىڭ قول يازمىسىدىن 16 پارچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار ھۆججىتىدىن 22 پارچە بار. 19 پارچە مۇھىم ھۆججەت تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

  «پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مۇھىم ھۆججەتلەردىن تاللانما»نىڭ 3-قىسمى ئىلگىرى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان 1-،2-قىسمى بىلەن بىر پۈتۈن گەۋدە شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشىنى مۇھىم دەرسلىك بىلەن تەمىنلەپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر