باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلىش قىلمىشىغا يۇقىرى بېسىملىق زەربە بېرىش ھالىتىنى ساقلاش كېرەك

2018.05.30 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئاز قالدى. 29-ماي مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشۇمچە، ئىمتىھان بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئىمتىھان ئىستىلىنى تۈزىتىپ، ئىمتىھان ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ياخشى بولغان ئىمتىھان مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى دۆلەت مائارىپ بىر تۇتاش ئىمتىھانى خىزمىتى مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنىغا ئەزا ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ، قىسمەن ئۆلكىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشكە ئاتلانغان.

  جايلارنىڭ ئۆزى تەكشۈرۈشى ئاساسىدا، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىمتىھان بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان مۇھىم ھالقىلارنى ئارىلاپ تەكشۈرىدىكەن. بىرىنچى، تارماقلارنىڭ ماسلىشىش مېخانىزمىنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدىكەن. تارماقلارنىڭ ھەر كىم ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، ئىمتىھان مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىش قىلمىشىغا يۇقىرى بېسىملىق زەربە بېرىش ھالىتى ساقلايدىكەن. ئىككىنچى، بىخەتەر مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تۈزۈمىنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدىكەن. ئىمتىھان سوئالى چىقىرىش، توشۇش، ساقلاش، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق مۇھىم ھالقىلاردىكى خىزمەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تۈزۈمى، ئىمتىھان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئىمتىھان سوئالى، ئىمتىھان قەغىزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن. ئۈچىنچى، تور ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدىكەن. كومپيۇتېر سىستېمىسى ۋە سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى قوغداش، شۇنداقلا باشقا ئالاقىدار بىخەتەرلىك كاپالەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالىدىكەن. تۆتىنچى، ئۆلچەملىك ئىمتىھان نۇقتىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدىكەن. ئۆلچەملىك ئىمتىھان نۇقتىسىنى قوغداش، ئىمتىھان ئىشلىرى خىزمەت قائىدىسىنى ئىجرا قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ، 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۆلچەملىك ئىمتىھان نۇقتىسىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر