باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپارات ئىسلاھاتىغا چېتىشلىق پارتىيە ئىچكى نىزاملىرى ۋە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى رەتلەش قارارى چىقاردى

2018.05.30 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپارات ئىسلاھاتىغا چېتىشلىق پارتىيە ئىچكى نىزاملىرى ۋە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى مەخسۇس رەتلەش توغرىسىدىكى قارارى» يېقىندا ئېلان قىلىندى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق قارار قىلدى: ئۈچ پارچە ھۆججەت بىكار قىلىنىدۇ، 35 پارچە مەركىزىي كومىتېتنىڭ پارتىيە ئىچكى نىزاملىرى ۋە ئالاقىدار ھۆججەتكە تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ.

  پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپارات ئىسلاھاتىغا چېتىشلىق پارتىيە ئىچكى نىزاملىرى ۋە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى مەخسۇس رەتلەش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن چىقارغان تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، بۇ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قىسمەن پارتىيە ئىچكى نىزاملىرى ۋە ھۆججەتلەر بىلەن ئاپپارات ئىسلاھاتى ئۇيغۇنلاشماسلىق، ماسلاشماسلىق، جىپسىلاشماسلىق، بىردەك بولماسلىق مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى قانۇن – بەلگىلىمىلەر بويىچە ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «قارار»دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەركەزدىكى ھەرقايسى تارماقلار ئۆز ئورۇنلىرىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىغا چېتىشلىق پارتىيە ئىچكى نىزاملىرى ۋە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى رەتلەشنى چىڭ تۇتۇشى، دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەرقايسى مىنىستىرلىق، كومىتېتلارنىڭ پارتگۇرۇپپا (پارتكوم)لىرى ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئۆز ئالدىغا بېكىتكەن ئاپپارات ئىسلاھاتىغا چېتىشلىق ھۆججەتلەرنى ۋاقتىدا رەتلىشى كېرەك. ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوملار ئۆز رايونىدىكى ئاپپارات ئىسلاھاتىغا چېتىشلىق پارتىيە ئىچكى نىزاملىرى ۋە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى رەتلەش خىزمىتىنى ياخشى تەشكىللىشى، ياخشى يولغا قويۇشى كېرەك.

  «قارار»دا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار مەخسۇس رەتلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇشى، ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنى ئەستايىدىل تۇتۇشى كېرەك. بىكار قىلىنغان پارتىيە ئىچكى نىزاملىرى ۋە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى ئارخىپ، مەخپىيەتلىكنى ساقلاشنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئارخىپقا كىرگۈزۈش، ئارخىپ تەكشۈرۈش، پايدىلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. تۈزىتىشكە تېگىشلىك پارتىيە ئىچكى نىزاملىرى ۋە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى تۈزىتىش خىزمىتىنى باشلاشنى چىڭ تۇتۇپ، تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى ئەلا سۈپەتتە، يۇقىرى ئۈنۈمدە تاماملىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر