باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2018–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىندى

بۇ يىل ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا يېڭى بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقىلدى

2018.05.25 11:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ 2018 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى›› يېقىندا رەسمىي ئېلان قىلىندى. ‹‹بەلگىلىمە››دە، بۇ يىل ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتى، قوبۇل قىلىش ۋاقتى ۋە ئارزۇ تولدۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلار تەڭشەلگەن ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن. مۇخبىر مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنى زىيارەت قىلدى.

  تولۇق كۇرسنىڭ 1 – تۈركۈمىدىكى مەكتەپلەرگە ئارزۇ تولدۇرغاندىن باشلاپ، كېيىنكى تۈركۈمدە ئارزۇنى ئۆزگەرتىپ تولدۇرۇشقا بولىدۇ

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل تۇنجى قېتىم ئارزۇ تولدۇرغاندىن باشلاپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر كېيىنكى تۈركۈملەردە ئارزۇسىنى ئۆزگەرتىپ تولدۇرسا بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئىمتىھان بەرگۈچىنى ئىمكانقەدەر ئارزۇسىغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تولۇق كۇرسنىڭ 1 – تۈركۈمى، تولۇق كۇرسنىڭ 2 – تۈركۈمى ۋە ئالىي كەسپىي مەكتەپ(مەخسۇس كۇرس)كە ئارزۇ تولدۇرۇش سانى ئالتىدىن توققۇزغا كۆپەيتىلگەن. ئالىي كەسپىي مەكتەپ(مەخسۇس كۇرس)كە ئىلگىرى بىر قېتىم ئارزۇ تولدۇرۇلاتتى، ھازىر ئىككى قېتىم تولدۇرسا بولىدىكەن، يەنى 2 – قېتىم پەقەت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپ(مەخسۇس كۇرس)لارنىلا تولدۇرۇشقا بولىدىكەن. ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچىلار، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە ۋە شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرسقا 1 – تۈركۈمدە، تولۇق كۇرسقا 1 – تۈركۈمدە، تولۇق كۇرسقا 2 – تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەر قايسىلىرىغا بىر قېتىم ئارزۇ تولدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

  ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىشلىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى باشلىنىپ، 8 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ئەتراپىدا ئاياغلىشىپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بەش كۈن ئالدىغا سۈرۈلگەن.

  مەملىكەت بويىچە مۇكاپاتلاش خاراكتېرىدە نومۇر قوشۇپ بېرىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلدى

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز 2018 – يىلىدىن باشلاپ مەملىكەتتىكى باشقا ئۆلكە(ئاپتونوم رايون) ۋە شەھەرلەر بىلەن تۆۋەندىكى مۇكاپاتلاش خاراكتېرىدە نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسەتلىرىنى ماس قەدەمدە ئەمەلدىن قالدۇردى: (1) نۆۋەتتە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەنلەردىن تولۇق ئوتتۇرا مائارىپ باسقۇچىدا، مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى(ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە، ئۇچۇر ئىلمى) ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرىدە 1 –، 2 – ۋە 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر؛ (2) نۆۋەتتە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەنلەردىن تولۇق ئوتتۇرا مائارىپ باسقۇچىدا، مەملىكەتلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى(مەملىكەتلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر بىيولوگىيە ۋە مۇھىت ئىلمى بويىچە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ‹‹كەلگۈسىدىكى ئالىملار››نى تەقدىرلەش پائالىيىتىدە ياكى مەملىكەتلىك ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كومپيۇتېردا ئىشلەش پائالىيىتىدە 1 –، 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر؛ (3) نۆۋەتتە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەنلەردىن تولۇق ئوتتۇرا مائارىپ باسقۇچىدا، خەلقئارا ئىلىم – پەن ۋە قۇرۇلۇش چوڭ مۇسابىقىسىدە ياكى خەلقئارا مۇھىت پەن تەتقىقات تۈرى بويىچە ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر؛ (4) نۆۋەتتە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەنلەردىن تولۇق ئوتتۇرا مائارىپ باسقۇچىدا، مۇھىم خەلقئارالىق تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە كوللېكتىپ ياكى يەككە تۈر مۇسابىقىلەردە ئالدىنقى 6 – لىككە، مەملىكەتلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ يەككە تۈرىدە ئالدىنقى 6 – لىككە ئېرىشكەنلەر.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەنلەرگە تۆۋەندىكى سىياسەتلەر يولغا قويۇلىدىغان بولدى: (1) مېيىپ بولۇپ قالغان خەلق ساقچىلىرىدىن ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەنلەر باشقا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىلەن ئوخشاش شەرت ئاستىدا ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. (2) جامائەت خەۋپسىزلىكى سېپىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار، جامائەت خەۋپسىزلىكى سېپىدىكى قەھرىمانلار ۋە نەمۇنىچىلار، خىزمەت ئۈستىدە 1 – دەرىجىلىكتىن 4 – دەرىجىلىككىچە مېيىپ بولغان خەلق ساقچىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆزىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرىغا بېغىشلىغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئالىي مەكتەپلىرىگە بىلىم ئاشۇرۇشقا كاپالەت بىلەن ئەۋەتىشكە بولىدۇ. (3) جامائەت خەۋپسىزلىكى سېپىدىكى قەھرىمانلار ۋە نەمۇنىچىلار، خىزمەت ئۈستىدە 1 – دەرىجىلىكتىن 4 – دەرىجىلىككىچە مېيىپ بولغان خەلق ساقچىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەنلەر ئوخشاش شەرت ئاستىدا ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە رەت تەرتىپى 6 – ئاينىڭ 24 – كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ

  بۇ يىل ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 6 – ئاينىڭ 7 – كۈنىدىن 9 – كۈنىگىچە ئېلىنىدۇ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى داۋاملىق خەنزۇچە(خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار)، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ۋە موڭغۇلچىدىن ئىبارەت بەش خىل يېزىقتا ئېلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە چەت ئەل تىللىرى ئىنگلىز تىلى، رۇس تىلى، ياپون تىلى، فىرانسۇز تىلى، نېمىس تىلى ۋە ئىسپان تىلىدىن ئىبارەت ئالتە خىل تىلغا ئايرىلىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچى خالىغان بىر تىلنى تاللىسا بولىدۇ. شىنجاڭ 2018 – يىلىمۇ چەت ئەل تىلىدىن ئېغىزچە ئىمتىھان بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرمايدۇ.

  ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز 6 – ئاينىڭ 24 – كۈنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلىدۇ؛ 6 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ھەر خىل تىل ۋە ھەر تۈركۈمدە ئارخىپ چىقىرىپ بېرىشتىكى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكىنى ئېلان قىلىدۇ. ئىمتىھان نەتىجىسى، ئورۇن تەرتىپى ۋە ئارخىپ چىقىرىپ بېرىشتىكى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكىنى بىلگەندىن كېيىن، 6 – ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدىن 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىگىچە ئارزۇ تولدۇرۇلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 6 – ئاينىڭ 28 – كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 18گىچە تولۇق كۇرسقا مۇددەتتىن بۇرۇن ئارزۇ تولدۇرۇلىدۇ؛ باشقا تۈركۈملەردە 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 18گىچە ئارزۇ تولدۇرۇلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر