باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا مىنىستىرلىقى: ئىمپورت قىلىنغان بۇيۇملار ئىچىدە پەرداز بۇيۇملىرىغا بولغان ئېھتىياج بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ

ئۇنىڭدىن قالسا ئانا-بالىلار بويۇملىرى، سائەت ۋە كۆزەينەك قاتارلىقلار

2018.05.30 14:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا مىنىستىرلىقى يېقىندا ئاساسلىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ تەكشۈردى. 5-ئاينىڭ 28-كۈنى سودا مىنىستىرلىقى «ئاساسلىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكىلاپ تەكشۈرۈش، تەھلىل قىلىش دوكلاتى»نى رەسمىي ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلارغا بولغان ئېھتىياجى كۈچەيگەن بولۇپ، بۇنىڭدا، ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلارنىڭ ئىستېمال قىلىنىشىنىڭ پۈتكۈل تاۋارلار ئىستېمالى ئومۇمىي سوممىسىدىكى نىسبىتى %30تىن ئاشقان ئىستېمالچىلارنىڭ بارلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكىتلىرى ئىچىدىكى نىسبىتى %20تىن ئاشقان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى تەمىنلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئوبيېكىتلىرى ئوبوروت كارخانىلىرى بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلار نۆۋەتتە بازار تەمىنلىشىدىكى مۇھىم تولۇقلىمىغا ئايلانغان.

  دوكلاتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، كارخانىلارنىڭ ئىمپورتنى زورايتىش خاھىشى بىر قەدەر كۈچەيگەن. تەكشۈرۈلگەن 92 خىل تاۋار تۈرى ئىچىدە، كەلگۈسى بىر يىلدا كارخانىلارنىڭ ئىمپورت قىلىش خاھىشى كۈچلۈكرەك بولىدىغان تاۋارلاردىن 34 تۈرى بار بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا، ئۈزۈم ھارىقى، يېڭى مېۋە، پىۋا، سۈت، يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان ماي، ساغلاملىق بۇيۇملىرى، تەنھەرىكەت ئايىقى، ئانىلار-بوۋاقلار يېمەكلىكلىرى، ئەتىر، پەرداز بۇيۇملىرى، سائەت، كۆزەينەك، SUV ئاپتوموبىل، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ۋە پىكاپ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  ئېھتىياج ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتە، ئىستېمالچىلار تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلارغا بولغان ئېھتىياجى كۈچەيگەن. ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلارنىڭ ئىستېمال قىلىنىشىنىڭ پۈتكۈل تاۋارلار ئىستېمالى ئومۇمىي سوممىسىدىكى نىسبىتى %30تىن ئاشقان ئىستېمالچىلارنىڭ بارلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكىتلىرى ئىچىدىكى نىسبىتى %20تىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، پەرداز بۇيۇملىرى، ئانىلار-بوۋاقلار بۇيۇملىرى، سائەت ۋە كۆزەينەك، يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، ئۈنچە-مەرۋايىت ۋە زىننەت بۇيۇملىرىغا بولغان ئېھتىياج ئايرىم-ئايرىم %36.1، %33.4، %28.9، %27.3 ۋە %22.7 بولغان.

  دوكلاتتا يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىستېمالچىلارنىڭ ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلارغا بولغان ئېھتىياجى ۋە ئۇلارنى ياقتۇرۇش خاھىشى بىر قەدەر كۈچلۈك. نۆۋەتتە، %30.1لىك كۆلەمدىكى ئىستېمالچىلار كەلگۈسى يېرىم يىلدا ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلارنىڭ ئىستېمالىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ. ئېھتىياجتا ئالدىنقى بەش تۈرنىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان تاۋارلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا پەرداز بۇيۇملىرى، سائەت ۋە كۆزەينەك، ئانىلار-بوۋاقلار بۇيۇملىرى، يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ۋە ئۈنچە-مەرۋايىت، زىننەت بۇيۇملىرى بولۇپ قالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر