باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز 1-ئىيۇلدىن باشلاپ 1449 باج تۈرىدىكى كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىدۇ

2018.06.01 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ تاموژنا بېجى قائىدىسى كومىتېتى 31-چېسلا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 1449 باج تۈرىدىكى كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

  ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، بىر قىسىم كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئەڭ مەنپەئەتدار دۆلەت باج نىسبىتى تۆۋەنلىتىلىدىغان، 1449 باج تۈرىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرىچە باج نىسبىتى %15.7تىن %6.9كە چۈشۈرۈلىدىكەن، ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش نىسبىتى %55.9 بولىدىكەن. دۆلەت ئەڭ مەنپەئەتدار باج نىسبىتىنى تەڭشەش تۈپەيلىدىن، 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، 210 خىل ئىمپورت قىلىنغان تاۋارنىڭ ئەڭ مەنپەئەتدار دۆلەت ۋاقىتلىق باج نىسبىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن، قالغان تاۋارلارنىڭ ئەڭ مەنپەئەتدار دۆلەت ۋاقىتلىق باج نىسبىتى داۋاملىق يولغا قويۇلىدىكەن.

  گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى نىزامى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چوڭ دائىرىدىكى كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش ئۆزگىچە، ئەلا مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق؛ ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى يارىتىپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق؛ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بازارنى ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم تەدبىرى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر