باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

2018.06.01 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 31-ماي يىغىن ئېچىپ، «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يىرىك پىلانى (2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە)» ۋە «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»گە قاراپ چىقتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىنى كۆزلەپ، يۈز مىليونلىغان دېھقاننىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىگە ئۇيغۇنلىشىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە قارىتا چىقارغان زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتىكى زور تارىخىي ۋەزىپە، يېڭى دەۋردە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى باش تۇتقا.

  يىغىندا مۇنۇلار دېيىلدى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يىرىك پىلانى (2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە)دا خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى ۋە سىياسەت، تەدبىرلەر ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، زور قۇرۇلۇش، زور پىلان، زور ھەرىكەت ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى سىياسەت رامكىسى شەكىللەندۈرۈلدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلىرى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان بولۇش، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇش ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، شەھەر-يېزا يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە-مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، سىياسىي قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئىستىقبالى بار كەسىپكە، دېھقانچىلىقنى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە كەسىپكە، يېزىلارنى خاتىرجەم ياشايدىغان گۈزەل يۇرت-ماكانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي ھالدا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە يېزا خىزمىتىنى باشقۇرۇش تەلىپىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلىپىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. جايلار، تارماقلار شەھەر بىلەن يېزىلارنى بىرلەشتۈرۈش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ لايىھەلەش، كۆپ يىرىك پىلاننى بىرلەشتۈرۈش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە دائىر يەرلىك يىرىك پىلان ۋە مەخسۇس تۈر يىرىك پىلانى ياكى لايىھەسىنى تېزدىن تۈزۈپ چىقىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە رىئايە قىلىدىغان بەلگىلىمە بولۇش، قاتلاممۇ قاتلام مەسئۇل بولىدىغان ئادەم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇلنى قوللىنىپ، كەنت ئەھۋالى، ئەلرايىغا ئۇيغۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەم ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، بازار ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقىرىپ، ھەم دېھقانلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىلمىي پىلانلاپ، سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ بېجىرىپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، بارلىق دېھقانلارنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر