باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا كېڭىشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

2018.06.04 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو-ئامېرىكا ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد سۆھبىتىنىڭ باشلامچىسى ليۇ خې يېتەكچىلىكىدىكى جۇڭگو ئۆمىكى بىلەن ئامېرىكا سودا ئىشلىرى مىنىستىرى روس يېتەكچىلىكىدىكى ئامېرىكا ئۆمىكى 2-ئىيۇندىن 3-ئىيۇنغىچە بېيجىڭ دىياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا مەسىلىسى توغرىسىدا كېڭەشتى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە قاتارلىق كۆپ ساھەلەردە ياخشى پىكىرلىشىپ، پائال، كونكرېت نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، ئالاقىدار تەپسىلاتلار ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئېتىراپ قىلىشىنى كۈتۈۋاتىدۇ.

  جۇڭگونىڭ پوزىتسىيەسى باشتىن-ئاخىر ئۆزگەرمەيدۇ. خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىشنى كۆپەيتىشنى خالايدۇ، بۇ ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە پۈتۈن دۇنياغا پايدىلىق. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، بىزنىڭ بەلگىلەنگەن رىتىمىمىز ئۆزگەرمەيدۇ.جۇڭگو-ئامېرىكا ھاسىل قىلغان نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا يۈزلىنىپ، سودا ئۇرۇشى قىلماسلىقتىن ئىبارەت شەرتنى ئاساس قىلغان. ئامېرىكا تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سودا جازالاش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلسا، ئىككى تەرەپ سۆھبەتلىشىپ ھاسىل قىلغان بارلىق ئىقتىساد-سودا نەتىجىلىرى كۈچتىن قالىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر