باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى شياڭگاڭدىكى ئالىملارنى ئىلھاملاندۇردى

ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتكە تۆھپە قوشۇپ، شياڭگاڭنى گۈللەندۈرەيلى

2018.06.04 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 19-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 14-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلغاندىن كېيىن، شياڭگاڭدىكى پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكىلەر چوڭقۇر ئىلھاملىنىپ، دولقۇن يېرىپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلەتكە تۆھپە قوشۇپ، شياڭگاڭنى گۈللەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  «ئاسىيا توكلۇق ئاپتوموبىل ئاتىسى»، ئاكادېمىك چېن چىڭچۈەن تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئۇنىڭ پەن-تېخنىكا خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ئاكادېمىكلارنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقلارنى ئورۇنداپ، ئۇلاردىن كۈتىدىغان زور ئۈمىدلىرى نامايان بولدى، شياڭگاڭدىكى ئاكادېمىكلار قانداق قىلىپ گۇاڭدۇڭ ـ شياڭگاڭ ـ ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى ۋە دۆلەت قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى پائال ئويلىنىشى كېرەك، دېدى. ئۇ شياڭگاڭدىكى پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى دولقۇن يېرىپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەپ، چوڭ قولتۇق قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئالماشتۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلار بىلەن دۆلەتنىڭ دۇنيا بويىچە پەن-تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا قاراپ يۈرۈش قىلىشىغا كۈچ قوشۇشقا چاقىردى.

  شياڭگاڭ پەن-تېخنىكا داشۆسى خىمىيە شىسىنىڭ پىروفېسسورى تاڭ بېنجۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى داۋاملىق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىنى نىشانلاپ كۈچىشى، ئالىملار قىيىنچىلىقلارنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا سەۋرچان بولۇشى كېرەك.شياڭگاڭ شەھەر داشۆسىنىڭ مۇدىرى گو ۋېي مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ يېقىندا ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ شياڭگاڭدىكى 24 ئاكادېمىكىغا خەت يېزىپ مۇھىم كۆرسەتمە بەردى، شۇنداقلا پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، بۇ شياڭگاڭدىكى پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە زور ئىلھام بەردى، ئىشىنىمەنكى بۇ چوقۇم شياڭگاڭدىكى مەكتەپلەرنىڭ تەتقىقات كەيپىياتىنى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

  شياڭگاڭ پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇدىرى شۈ لىجى مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ ئالاھىدىلىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تەتقىقات ئاساسىنى پۇختىلاپ، يۇقىرى پەن تەتقىقات ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، گۇاڭدۇڭ ـ شياڭگاڭ ـ ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدىكى يۇقىرى پەن-تېخنىكا كەسپى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرسە، چوقۇم يېڭى ئىقتىساد ئېكولوگىيە زەنجىرىنى بەرپا قىلالايدۇ.

  شياڭگاڭ «ۋېنخۇي گېزىتى» باش ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ھەم شياڭگاڭغا بولغان چاقىرىق، شۇنداقلا شياڭگاڭنىڭ ياخشى پۇرسىتى. دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى قوللاپ، يادرولۇق تېخنىكىنى ئىگىلەشتە شياڭگاڭ ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلىپ زور نەتىجە قازىنالايدۇ. تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىش، ئوزۇپ تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق بازار ۋە تۈزۈم چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، دۆلەت ۋە شياڭگاڭنىڭ پەن-تەتقىقاتى، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ يېڭىلاشقا ئىختىساسلىقلار ۋە تېخنىكىنى جەلپ قىلىپ، ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتكە تۆھپە قوشۇپ، شياڭگاڭنى گۈللەندۈرۈش كېرەك.

  شياڭگاڭ «داگوڭباۋ گېزىتى»نىڭ باش ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: شياڭگاڭنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى باشتىن-ئاخىر دۆلەتكە زىچ باغلىنىشلىق، پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش مۇساپىسىدە، شياڭگاڭ تاماشىبىن بولماستىن، بەلكى كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئەزا. شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە ھەم بۇرچ ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى، ھەم خەۋپ ئېڭى، تەخىرسىزلىك ئېڭى تۇرغۇزۇپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئۆز ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشى، شياڭگاڭدا خەلقئارا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بەرپا قىلىشىغا تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر