باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىدا بىر يولۇچىلار ئاپتوموبىلى تاغ جىلغىسىغا چۈشۈپ كېتىپ 10 ئادەم قازا قىلدى

2018.06.04 13:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پاكىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 3-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تەخمىنەن 20 يولۇچى ئولتۇرغان بىر يولۇچىلار ئاپتوموبىلى شۇ كۈنى پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىدا تاغ جىلغىسىغا چۈشۈپ كېتىپ، ئاز دېگەندىمۇ 10 يولۇچى قازا قىلغان، ئالتە كىشى يارىلانغان.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، ۋەقە پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىرنىڭ مىربۇر رايونىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئاپتوبۇس شوپۇرى بىر بۆلەك تاغ يولىنىڭ جىددىي ئايلىنىش يولىغا كەلگەندە ئاپتوبۇسنى كونترول قىلالمىغان، ئارقىدىن ئاپتوبۇس تاغ جىلغىسىغا چۈشۈپ كەتكەن.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى تارماقلار جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان، ئاپتوموبىل شوپۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە يارىلانغۇچى شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇلغان. نۆۋەتتە يارىدارلارنىڭ كونكرېت يارىلىنىش ئەھۋالى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

  پاكىستاندا قاتناش ھادىسىسى كۆپ يۈز بېرىدۇ. يۈكنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بېسىش، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش، ئاپتوموبىل كونا بولۇش، يول ئەھۋالى ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلار ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ قالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر