باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قورغاس ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىكى ئىشنىڭ بېشىدىلا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى

2018.06.01 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، قورغاس ناھىيەسى جۇڭخۇا فۇشۇشەن مەنزىرىلىك رايونىدا، تۇنجى قېتىم ئىلىغا ساياھەتكە كەلگەن گۇاڭجۇلۇق ساياھەتچى سەي چياڭ باش بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ شانلىق تارىخى مەدەنىيىتىنى چۈشەنگىلى بولۇپلا قالماي، يەنە تۇتاش كەتكەن قارلىق چوققىلار، ئاجايىپ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرە، ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەتنى كۆرگىلى بولىدىكەن، ئىلى مەن كۈچلۈك تەلپۈنىدىغان ساياھەت مەنزىلگاھى ئىدى، بۇ قېتىم ھەقىقەتەن ئەرزىگۈدەك سەپەر بولدى!»

  سەي چياڭ جۇڭخۇا فۇشۇشەن مەنزىرە رايونىنىڭ گۈللەر راسا چېچەكلىگەن ۋاقتىنى قولدىن بېرىپ قويدى، لېكىن گۈزەل غۇلجا ئۇنىڭغا نۇرغۇن خۇشاللىقلارنى ئاتا قىلدى، ئۇ قايتىپ بارغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك ۋە دوست-بۇرادەرلىرىگە گۈزەل ئىلىنى تونۇشتۇرىدىغانلىقىنى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئىلىغا بېرىپ كۆرۈپ، ئوخشىمايدىغان گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلىنىشقا دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شەرقىي شىمالدىن كەلگەن ساياھەتچى جوۋ جياخۇي مۇنداق دېدى: «بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ئۆزگىچە ئىكەن، بىز بالىلار بىلەن بىللە ئوخشىمىغان مەنزىرىدىن ھۇزۇرلانغاچ، يەنە بەدىنىمىزنىمۇ چېنىقتۇردۇق، يولبويى ئاز بولمىغان سۈرەتلەرنى تارتتۇق، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ناھايىتى خۇشال بولدى.» ئۇ بالىلارنى باشلاپ، قورغاس چېگراسىدىكى سودا شېرىكى بۇلبۇل ئەركىن بىلەن كۆرۈشۈپ، شەخسىي ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ جۇڭخۇا فۇشۇشەن مەنزىرە رايونىغا كېلىپ تاماشا قىلدى.

  جۇڭخۇا فۇشۇشەن مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ باشلىقى لى شياۋشيا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، فۇشۇشەن ساياھەت رايونى جەمئىي 3386 ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. نامىنى ئاڭلاپ بۇيەرگە كېلىپ گۈل تاماشىسى قىلىپ، چىملىق دالا پائالىيىتى قىلغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، قورغاسمۇ بارا-بارا تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەر بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان مەنزىلگاھقا ئايلاندى.

  «توخۇ سوقۇشتۇرغۇچىلار» مىللىي زىيارەت نۇقتىسىدىكى باھارگۈل تۇرسۇن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «زىيارەت نۇقتىسى ئارامگاھىمىزغا كۈنىگە 50تىن ئارتۇق ساياھەتچى كېلىدۇ، ھەر ئايدا ئاز بولغاندىمۇ 10 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمىز. ساياھەتچىلىكتىن كۆپ نەپكە ئېرىشكەندىن كېيىن، بىز يۇرتىمىزدىن چىقماي تۇرۇپلا، ياخشى كىرىم قىلالايدىغان بولدۇق، كۈنىمىز بارغانسىرى ياخشى بولماقتا.»

  ئىگىلىنىشىچە، قورغاس ناھىيەسىنىڭ 2018-يىلى 1-پەسىلدە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 77 مىڭ 900 ئادەم قېتىم بولۇپ، ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى 56 مىليون 350 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، قورغاس ناھىيەسىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ساياھەت كەسپىدە ياخشى باشلىنىش بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەل تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر