باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مالايسىيا ساقچى تەرەپلىرى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى گۇماندارىدىن 15نى قولغا چۈشۈردى

2018.06.04 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالايسىيا ساقچى تەرەپلىرى 1- ئىيۇن مۇنداق دېدى: ساقچى تەرەپلەر يېقىندا ئېلىپ بارغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى بىر قاتار ھەرىكەتتە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى گۇماندارىدىن 15نى قولغا چۈشۈردى، قولغا چۈشۈرۈلگەنلەر ئىچىدە بىر نەچچە چەتئەللىك كىشىمۇ بار.

  مالايسىيا ساقچى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى فېيسى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ جىنايەت گۇماندارلىرى 3- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن 5- ئاينىڭ 9- كۈنىگىچە مالايسىيانىڭ بىر نەچچە جايلىرىدا قولغا ئېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى چوڭ سايلام مەزگىلىدە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى پەيدا قىلىشنى پىلانلىغانلار.

  فېيسى يەنە مۇنداق دېدى: قولغا ئېلىنغان گۇماندارلارنىڭ ئىچىدىكى ئالتىسى پىلىپىنلىق بولۇپ، ئۇلار فىلىپپىندىكى قوراللىق ئۇنسۇرلار ئۈچۈن قورال يىغىپ بەرگەن، دەپ ئەيىبلەندى. يەنە بىر بېنگاللىق ئەر كىشى خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈچۈن قۇرال-ياراغ ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر