باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئىقتىساد ۋە سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە مىنىستىر دەرىجىلىكلەرنىڭ 3- قېتىملىق يىغىنى نىڭبودا ئۆتكۈزۈلىدۇ

2018.06.04 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 1- ئىيۇن ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ياۋروپا مەھكىمىسى مۇئاۋىن باشلىقى يۈ يۈەنتاڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 6- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە نىڭبودا جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئىقتىساد ۋە سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە مىنىستىر دەرىجىلىكلەرنىڭ 3- قېتىملىق يىغىنىنى نىڭبودا ئۆتكۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 6- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 11- كۈنىگىچە نىڭبو جۇڭگو خەلقئارا كۈندىلىك ئىستىمال بۇيۇملىرى يەرمەنكىسى مەزگىلىدە جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى 4- نۆۋەتلىك سودا يەرمەنكىسىنى ئۆتكۈزىدۇ. نۆۋەتتە پائالىيەتلەرنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا.

  نىڭبو شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ليۇ چاڭچۇن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بۇ 4- نۆۋەتلىك يەرمەنكىسىدە «تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا، يىغىن مۇنبىرى، مەبلەغ سېلىش سۆھبىتى، سودا كۆرگەزمىسى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسى دېگەندەك 16 تۈرلۈك پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر