باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

9 مىليون 750 مىڭ كىشى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ

بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى سىياسىتىدە قانداق يېڭى ئالاھىدىلىكلەر بار؟

2018.06.04 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى پات ئارىدا باشلىنىدۇ. 2018-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار 9 مىليون 750 مىڭغا يېتىپ، 2017-يىلدىكىدىن 350 مىڭ كىشى كۆپىيىپ، يېقىنقى سەككىز يىلدىن بۇيان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئەڭ كۆپ بىر يىل بولدى. بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى سىياسىتىدە قانداق يېڭى ئالاھىدىلىكلەر بار؟ ئالىي مەكتەپلەر يەنە دىققەتنى تارتقۇدەك قانداق يېڭى كەسىپلەرنى تەسىس قىلدى؟

  ■ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئادىللىقى نامايان قىلىنىدۇ

  خۇاجۇڭ پېداگوگىكا داشۆسى مائارىپ شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى فەن شيەنزو مۇنداق دېدى: تۈرلۈك نامۇۋاپىق «نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرى»نى بىكار قىلىش يېزىلاردىكى مۇنەۋۋەر بالىلارغا تېخىمۇ كۆپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتى ئاتا قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئادىللىقى نامايان قىلىنىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتى ئىزچىل جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلدى. بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا، نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرى يەنىمۇ ئازايتىلدى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلدى.

  بۇ يىل 3- ئايدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: تەنتەربىيەدە ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچى، ئوتتۇرا مەكتەپئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پەنلەر ئولىمپىك مۇسابىقىسى، پەن-تېخنىكا تۈرىدىكى مۇسابىقىسى، ئۆلكە دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى، ئىدىيە، سىياسىي، ئەخلاق جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئىش-پائالىيەتلىرى بولۇش قاتارلىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

  بېيجىڭ 4- ئايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىدىغان بەش تۈرنى ئەمەلدىن قالدۇردى، بۇ ئۆلكىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى، دۆلەت 2-دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچىدىن يۇقىرى نامغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى، مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پەنلەر ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 1-، 2-، 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 5- ئايدا گەنسۇ ئۆلكىسى مەدەت بېرىش تۈرىدىكى بارلىق نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، بۇ ئاساسلىقى تەنتەربىيەدە ئالاھىدىلىكى بولۇش، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پەنلەر ئولىمپىك مۇسابىقىسى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى، ئۆلكە دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى، سەنئەتتە ئالاھىدىلىكى بولۇش قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.

  ■ئالىي مەكتەپلەريېڭى تەسىس قىلغان كەسىپلەر

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، مەملىكەتتىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىمۇ كەينى- كەينىدىن ئېلان قىلىندى. نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئۆز ئالاھىدىلىكى بىلەن دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈپ، نۇرغۇنيېڭى كەسىپ، يېڭى تۈرلەرنى تەسىس قىلدى.

  تيەنجىن داشۆسى يېڭىدىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق مېدىتسىنا قۇرۇلۇشى، مەنزىرىلىك باغ، دېڭىز- ئوكيان ئىلىمى قاتارلىق ئۈچ تولۇق كۇرس كەسپىنى تەسىس قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق مېدىتسىنا قۇرۇلۇشى كەسپى مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارنى يۆنىلىش قىلغان تېبابەت تۈرىدىكى تولۇق كۇرس بولۇپ، «ساغلام جۇڭگو 2030» دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە يۈزلەنگەن، تېببىي ئاساسىي بىلىملەر ۋە قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتى ئىقتىدارىغا ئىگە ئەتراپلىق يېتىلگەن ئالىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىكەن.

  بېيجىڭ سانائەت داشۆسى يېڭىدىن نومى ماتېرىيالىۋە تېخنىكىسى كەسپى، ماشىنا ئادەم قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئىككى كەسىپنى تەسىس قىلدى. مەزكۇر مەكتەپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ دەن مۇنداق دېدى: يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان بۇ ئىككى يېڭى كەسىپ تېخنىكا پەنلىرى كەسپى، شۇنداقلا ھازىرقى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئېھتىياج گىرەلەشتۈرۈلگەن مۇرەككەپ كەسىپ.

  جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش دەرىجىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئالىي مەكتەپلەر يەنە ئاز ساندىكى دۆلەتلەردە قوللىنىدىغان تىل كەسىپلىرىنى پائال تەسىس قىلدى. بېيجىڭ چەت ئەل تىلى داشۆسى يېڭىدىن 14 كەسىپنى تەستىقلىدى، بۇ كەسىپلەرنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى بولمىغان ئاز ساندىكى دۆلەتلەردە قوللىنىدىغان تىل كەسىپلىرى بولۇپ، فىجى تىلى، لىيۇكسېمبۇرگ تىلى ۋە سانگو تىلى قاتارلىقلار بار.

  ■ئەمىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئىستىقبالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بىخەتەرلىك كاپالىتى خىزمىتى ئىنتايىن مۇھىم. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، جايلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پائال ئېلان قىلىپ، «ئەمىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»نى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدى.بېيجىڭ شەھىرى ئىمتىھان قەغىزىنى بېسىشتىن باشلاپ، ئىمتىھان قەغىزىنى يەتكۈزۈش، ساقلاش، ئىمتىھانغا تەشكىللەش، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارغىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننى 24 سائەت نازارەت قىلىدىكەن، پۈتكۈل جەرياننى قايتا سۈرۈشتۈرگىلى بولىدىكەن. ئىمتىھان قەغىزىنى مەخپىي ساقلاش ئۆيىنىڭ نازارەت قىلىش سىن ئاپپاراتى 6 سائەتلىك مەزمۇننى قايتۇرۇپ قويۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇپ، مائارىپ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى قايتۇرۇپ كۆرۈپ تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى سوئال قەغىزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.خۇبېي ۋۇخەندە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەيدانىنىڭ سائەتلىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوماتىك توغرىلىنىدىغان ئېلېكتىر دولقۇنلۇق سائەتكە يەڭگۈشلەنگەن. پۈتۈن شەھەردىكى ھەر بىر ئىمتىھان مەيدانىغا مېتال تەكشۈرۈش ئەسۋابى، يان تېلېفون دالدىلاش ئەسۋابى سەپلىنىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان مەيدانىغا كىرگەندىن كېيىن تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىدىكەن. بىر مەيداندىكى ئىككى ئىمتىھان نازارەتچىسى ئىمتىھان قەغىزىنى ئالغان ۋە يىغىۋالغاندا، سىنلىق نازارەت قىلىدىغان مەخسۇس كارىدورىدىن مېڭىشى كېرەككەن.

  ئىمتىھان بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشبىلەن بىللە، باشقا ئالاقىدار ئورۇنلارمۇ بەزى سەمىمىي ئەسكەرتمىلەرنى قىلدى. شەندۇڭ ئۆلكىلىك يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى يېقىندا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئىمكانقەدەر مەكتەپ ئاشخانىسىدا تاماق يېيىشكە، ئائىلىدە تاماق يېگەندە سېتىۋالماقچى بولغان يېمەكلىك خام ماتېرىيالىنىڭ كونا-يېڭىلىقى، ئۆلچەمگە توشقان-توشمىغانلىقى قاتارلىق تەپسىلىي قائىدىلەرگە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر