باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2018.06.04 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يېقىندا «ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مائارىپ تەسىس قىلىشىغا ئىلھام بېرىش، خەلق باشقۇرۇشىدىكى مائارىپىنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكىرى»نى ئېلان قىلدى. مەزكۇر پىكىرگە ئاساسلانغاندا، نىڭشيادا مەكتەپ باشقۇرۇش ئىجازەت شەرتى كەڭ قويۇۋېتىلىدىكەن، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا قاتنىشىشغا ئىلھام بېرىلىدىكەن، جەمئىيەت مەبلىغىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى ۋە كەسپىي مائارىپ ساھەسىگە كىرىشىنى قوللايدىكەن. ھەم شۇنداقلا، تۈزۈلمە مىخانىزىمدا يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرگە قارىتا (باشقا خەلق باشقۇرۇشىدىكى مائارىپى ئاپپاراتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) پايدا ئالمايدىغان ۋە پايدا ئالىدىغان تۈرلەر بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا پايدا ئېلىش خاراكتېرلىك خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنى تەسىس قىلىشقا يول قويۇلماسلىق تەلەپ قىلىنىدىكەن.

  مەزكۇر پىكىردە يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، مائارىپ چىقىم قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، خەلق باشقۇرۇشىدىكى مائارىپنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرگە ياردەم پۇلى بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياردەم بېرىش تۈرى، ئوبيېكتى، ئۆلچىمى، ئىشلىتىش ئورنى قاتارلىقلارنى ئېنىقلاپ، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىشتەك مۇلازىمەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئومۇمەن ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىغا ماس كېلىدىغان مائارىپ مۇلازىمىتىلا بولسا، ئۇلارنى ھاۋالە قىلىش، ھۆددىگە بېرىش ۋە سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ئۈستىگە ئېلىشغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە بولىدۇ. پىكىردە يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە، خەلق باشقۇرىدىغان مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھۆكۈمەت باشقۇرىدىغان مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار بەلگىلىمە بويىچە ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى دېگەندەك دۆلەت ياردەم بېرىش سىياسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ. خەلق باشقۇرىدىغان مەكتەپلەر ئوقۇش مۇكاپاتىنى باھالاش ۋە تارقىتىش قاتارلىق باشقۇرۇش مېخانىزملىرىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۇرۇپ، ئوقۇش ھەققى كىرىمى ئىچىدىن %5تىن كەم بولمىغان مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىپ ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر