باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىتالىيەدە يېڭى ھۆكۈمەت ئەزالىرى قەسەم بېرىشىپ ۋەزىپىلەرگە ئولتۇرۇشتى

2018.06.04 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئىتالىيە يىڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى ئىتالىيەنىڭ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە قەسەم بېرىشىپ ۋەزىپىلەرگە ئولتۇرۇشتى، كونتېس بۇ قېتىمقى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى بولدى.

  كۇنتېس رەھبەرلىكىدىكى بۇ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ 18 نەپەر مىنىستىرى بار بولۇپ، بۇلاردىكى بەش يۇلتۇز ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن دى مارترىن ۋە ئىتتىپاق پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى سالۋىنى بۇ يېڭى ھۆكۈمەتتە مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى، ھەمدە قوشۇمچە ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئەمگەك ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولدى. ئىقتىساد ۋە مالىيە مىنىستىرىلىكىنى بولسا، سىياسىي ئىقتىسادچى پروفېسسور تېرىيە ئۈستىگە ئالدى. ئۆتكەندە ئىككى پارتىيەنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك كابېنت تەشكىللەش جەريانىدا بېكىتكەن ئىقتىساد ۋە مالىيە مىنىستىرى نامزاتى ساۋونا مانا ئەمدى يېڭى ھۆكۈمەتتە ياۋروپا ئىشلىرى مىنىستىرى بولدى.

  5- ئاينىڭ 31- كۈنى، ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتتارېللا بەش يۇلتۇز ھەرىكىتى ۋە ئىتتىپاق پارتىيەسى تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن كۇنتېسنى يەنە بىر قېتىم باش مىنىستىر قىلىپ تەيىنلىدى. كۇنتېس كابېنت تەشكىللەش ۋەزىپىسىدىن ۋاز كېچىپ تۆت كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىككىنچى قېتىم يەنە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان باش مىنىستىر بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ، ئىتالىيە پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىن ئۈچ ئايغا يېقىن ۋاقىتقىچە كابىنېت تەشكىللەش ئىشى قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئەھۋالغا ئاخىرقى ھېسابتا خاتىمە بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر