باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: «ئالاقە تورى +» بىلەن خەلق تۇرمۇشىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەرگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈش كېرەك

2018.06.05 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 4-ئىيۇن نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى شى تەيفېڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شيەن خۇينىڭ ھەمراھلىقىدا يىڭچۈەن شەھىرىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى.

  لى كېچياڭ يىڭچۈەن شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىدا نىڭشيانىڭ «ئالاقە تورى + داۋالاش ۋە ساغلاملىق» خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، يىڭچۈەن ئەقلىي ئالاقە تورى دوختۇرخانىسى ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق مەھەللە، يېزا-بازارلارنى قاپلاپ، يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغانىدى. لى كېچياڭ ئاغرىقلارغا بىرلىكتە دىئاگىنوز قويۇۋاتقان مەھەللە دوختۇرلىرى ۋە بېيجىڭدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن توردا پاراڭلىشىپ، ئۇلارنى ئامما ساغلاملىقىنىڭ ياخشى قوغدىغۇچىسى بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: «ئالاقە تورى +»دىن پايدىلىنىپ خەلق تۇرمۇشىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەرنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، «ئالاقە تورى +» ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھازىر تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك بايلىقلارنى بىۋاسىتە تەقسىملەش تەس بولۇۋاتقان ئاساسىي قاتلام ۋە نامرات رايونلاردىكى ئاممىنىڭمۇ ياخشى جامائەت مۇلازىمىتىگە ئېرىشىشىنى قولايلىقلاشتۇرۇش كېرەك، بۇ باراۋەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. نىڭشيانىڭ «ئالاقە تورى + داۋالاش ۋە ساغلاملىق» ئۈلگە رايونى بەرپا قىلىشتا سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغا نەپ يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دۆلەت بۇنى پائال قوللايدۇ.

  لى كېچياڭ مىننىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىگە كېلىپ، «ئالاقە تورى + مائارىپ»نىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. «ئەقلىي سىنىپ»تىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىدا بىردىن تاختا كومپيۇتېر بار بولۇپ، زۇڭلىغا ئېلېكترونلۇق ئوقۇتۇش دەرسلىكلىرىنى ۋە ئۆزئارا يوللاشقان ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى كۆرسەتتى. لى كېچياڭ: مائارىپ بىلىم ئىگىلەش ۋە باش پەللىدىكى ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى، «ئالاقە تورى + مائارىپ» ئارقىلىق نامرات رايونلاردىكى بالىلارمۇ ياخشى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى ئاڭلاپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كىشىلىك ھاياتىنى ئۆزگەرتىشنىڭ مەشئىلىنى ياندۇرالايدۇ. ھازىر يېزىلارنىڭ ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرى قالاق، ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، تور سۈرئىتى ئاستا بولۇش، مەبلەغ يېتىشمەسلىك قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك، دېدى. ئۇ يەنە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىرىمىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، يەرلىكتىكى يولداشلارغا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقىنى تاپىلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر