25- ئىيۇن، گېرمانىيە كايسېرسلاۋتېرن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گېرمانىيەلىك ئوقۇغۇچىسى رالفقا فۇجۇ چاڭلې خەلقئارا ئايرودرومىدا فۇجۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چېگرىدىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ پورت ۋىزىسى كۆزنىكىدە شۇ خىل پورت ئارقىلىق چېگرادىن كىرىش پراكتىكا ۋىزىسى بېجىرىپ بېرىلمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، فۇجۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چېگرىدىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ خەلق ساقچىلىرى ئەمدىلا فۇجۇ چاڭلې خەلقئارا ئايرودورومىدىن چېگراغا كىرگەن گېرمانىيە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى رالفقا خۇسۇسىي ئىشلار تۈرىدىكى پورت ئارقىلىق چېگرادىن كىرىش پراكتىكا ۋىزىسىنى ئىمزا قويۇپ تارقىتىپ بەردى. بۇ، ج خ مىنىستىرلىكىنىڭ فۇجيەن ئەركىن سودا رايونىدىكى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققى قىلىشنىڭ بىر تۈرى سۈپىتىدە چېگرىدىن كىرىش-چىقىشتا بەش تۈرلۈك سىياسەتنى يولغا قويۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە قوللاپ كەلگەندىن بۇيان، فۇجيەن ئۆلكىسىدە تارقىتىلغان تۇنجى پراكتىكا تۈردىكى ۋىزا ھېسابلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى