باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا بۇ يىل 207 مىڭ 400 كىشى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتتى

75 ئىمتىھان رايونى ۋە 211 ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىندى

2018.06.06 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يىلدا بىر قېتىم ئېلىنىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېقىنلاپ قالدى. مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار 207 مىڭ 400 كىشى بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 23 مىڭ 700 كىشى ئاشقان.

  ئاپتونوم رايون بويىچە 75 ئىمتىھان رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن ئالتىسى كۆپەيگەن، ئىمتىھان مەيدانلىرى ئاساسلىقى جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆپەيتىلگەن، مەسىلەن: باي ناھىيەسى، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى، يوپۇغا ناھىيەسى، چىرا ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى تولى ناھىيەسى. ئىمتىھان نۇقتىسىدىن 211ى بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 20سى كۆپەيگەن؛ ئىمتىھان مەيدانىدىن 7642سى بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 319ى كۆپەيگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە رەت تەرتىپى ئېلان قىلىنىدىكەن؛ 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ھەر خىل تىل ۋە ھەر تۈركۈمنىڭ ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىنىدىكەن. ئىمتىھان نەتىجىسى، ئورۇن تەرتىپى ۋە نومۇر چېكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئارزۇ تولدۇرۇش 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، تولۇق كۇرسقا مۇددەتتىن بۇرۇن ئارزۇ تولدۇرۇش 6-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 18:00دە ئاخىرلىشىدىكەن؛ باشقا تۈركۈملەردە ئارزۇ تولدۇرۇش 7-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 18:00دە ئاخىرلىشىدىكەن.

  ئاپتونوم رايوننىڭ 2018- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىدە مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئۆزگىرىش بولدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسىگە نومۇر قوشۇش تۈرىنى تەسىس قىلىشتا، ئاپتونوم رايون دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىگە ئاساسەن، باشقا ئۆلكىلەر بىلەن ماس قەدەمدە مەملىكەت بويىچە مۇكاپات خاراكتېردە نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئېتىبار سىياسەتلىرىنى كۆپەيتتى.

  بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل يەنە قوبۇل قىلىش ۋاقتى ۋە ئارزۇ يىغىش جەھەتتىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئۆزگىرىش بولدى. قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ 7-ئاينىڭ 5-كۈنى باشلىنىپ، 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاخىرلىشىپ، ئىلگىرىكى يىللاردىن بەش كۈن ئىلگىرى سۈرۈلۈشى مۆلچەرلەندى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقانلارغا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇشتا يەنىمۇ ياخشى مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بۇ يىل تولۇق كۇرس 1-تۈركۈم بويىچە تۇنجى قېتىم ئارزۇ تولدۇرغاندىن باشلاپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر كېيىنكى تۈركۈملەردە ئارزۇسىنى ئۆزگەرتىپ تولدۇرسا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تولۇق كۇرسنىڭ 1-تۈركۈمى، تولۇق كۇرسنىڭ 2-تۈركۈمى ۋە ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس كۇرس بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇش سانى ئالتىدىن توققۇزغا كۆپەيتىلدى. ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس كۇرس تۈركۈمى بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇش قېتىم سانى ئەسلىدىكى بىر قېتىمدىن ئىككى قېتىمغا كۆپەيتىلىپ، ئىككىنچى قېتىم ئارزۇ تولدۇرۇش ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس كۇرس مەكتەپلىرىگە قارىتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر