سۈرەتتە: ئەردوغان ئەنقەرەدە تۈركىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەسى — ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ سايلام رىقابىتى يىغىلىشىغا قاتناشماقتا (6-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان ماتېرىيال سۈرەت).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دەسلەپكى بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيەنىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى ئەردوغان 24-ئىيۇندىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلغان.
%97.2 سايلام بېلىتىنى ئىستاتىستىكىلاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئالتە نامزات ئىچىدە ئەردوغان %52.6 سايلام بېلىتىنى قولغا كەلتۈرگەن؛ جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ نامزاتى مۇھەررەم ئىنجە %30.8 سايلام بېلىتىگە ئېرىشىپ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان.
بۇ قېتىمقى سايلامدىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ سىياسىي تۈزۈمى پارلامېنت تۈزۈمىدىن زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى