باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش توغرىسىدىكى پىكرى

(2018-يىل 6-ئاينىڭ 16-كۈنى)

2018.06.25 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى، خەلقنى بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرۈشتە ئالدىنقى ئورۇنغا قويىلىدىغان ساھە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، ھازىر تۆۋەندىكىدەك پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق:

  بىرىنچى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، بىر قاتار تۈپ خاراكتېرلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك، ئىجادىي خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلدە كۆرسىتىشتىن تونۇشقىچە تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تۈزۈم سىستېمىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، بايلىقنى ئومۇميۈزلۈك تېجەشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكەت پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈپ، يادرو ۋە رادىياتسىيە بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتگە ئىگە قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم يارىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا مۇھىم قەدەم ئېلىپ، دۆلىتىمىزنى دۇنيا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم قاتناشقۇچى، تۆھپىكار، يېتەكچىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، نۇرغۇن يىتىشسىزلىك مەۋجۇت. بەزى جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تۇنۇشى يېتەرلىك ئەمەس، مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى يېتەرلىك ئەمەس؛ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بىلەن بولغان زىددىيىتى يەنىلا گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ، بايلىق مۇھىتىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى يۇقىرى چەككە يەتتى ياكى ئۇنىڭغا يېقىنلاشتى؛ شەھەر، يېزىلارنى بىرتۇتاش پىلانلاش يېتەرلىك ئەمەس، يېڭى، كونا مۇھىت مەسىلىسى ئارىلىشىپ، رايون خاراكتېرلىك، ئورۇنلاشتۇرما خاراكتېرلىك، قۇرۇلما خاراكتېرلىك مۇھىت خەۋپ-خەتىرى گەۋدىلىك بولۇپ، ھاۋانىڭ ئېغىر بۇلغىنىشى، قارا سېسىق سۇ، ئەخلەت شەھەرنى قورشىۋىلىش، ئېكولوگىيە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش قاتارلىق مەسىلىلەر دائىم كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىلەر خەلق تۇرمۇشىدىكى مۇھىم خەۋپ، خەلقنىڭ يۈرەك ئاغرىقىغا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى بۇغۇۋاتقان چەكلىمىگە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى روشەن يېتىشسىزلىككە ئايلاندى.يېڭى دەۋرگە قەدەم قۇيۇپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىش ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا نۇرغۇن يېڭى تەلەپلەرنى قويدى. ھازىر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بېسىم كۈچەيگەن، ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ ئىلگىرىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىگە، شۇنداقلا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش شارائىتى ۋە ئىقتىدارى ھازىرلانغان كۆزنەك مەزگىلىگە قەدەم قويدى. جەزمەن سالماقنى ئاشۇرۇپ، تۈزەشنى تېزلىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، بەلگە خاراكتېرلىك مۇھىم جەڭنى ياخشى قىلىپ، خەلققە ياخشى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر