باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خوتەن دېھقانلىرى قاشتېشى كولىغۇچىلاردىن گۈل تەرگۈچىلەرگىچە ئايلاندى

2018.06.20 15:43   مەنبە: خەلق تورى

خوتەن دېھقانلىرى قاشتېشى كولىغۇچىلاردىن گۈل تەرگۈچىلەرگىچە ئايلاندى

  خوتەن شەھىرى ئىلچى يېزىسى ئىگەرچى كەنتىدىكى روزىتوختى روزى (ئوڭدا) ۋە ئايالى تاجىنىسا ئىمىن ئۆزلىرى ياسىغان ئەتىرگۈل گۈلقەنتىنى كۆرسەتمەكتە (6-ئىيۇن تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاي كىرىشى بىلەن، خوتەن ئەتىرگۈلىنىڭ چېچەكلەش مەزگىلى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، شىنجاڭ خوتەن شەھىرى ئىلچى يېزىسى ئىگەرچى كەنتىدىكى گۈلچى روزىتوختى روزى ھەر ئىككى-ئۈچ كۈندە ئەتىرگۈل بەرگىلىرىدىن 10 نەچچە كىلوگرام ھوسۇل ئالىدۇ. بوستانلىقتىكى باشقا ئاھالىلەرگە ئوخشاش، روزىتوختى روزى خۇشپۇراق ئەتىرگۈللەردىن تال ۋە ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەيدىغان قىزىلگۈل مۇرابباسى ياسايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار خېلى ياخشى كىرىم قىلالايدۇ.

  ۋاھالەنكى، يەتتە-سەككىز ئىلگىرى، روزىتوختى روزى قاشتېشى كولىغۇچى بولۇپ، كۈنبويى سەرگەردان بولسىمۇ تۇرمۇشى غورىگۈل ئىدى. ئېكولوگىيەلىك ئىدارە قىلىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇمۇ باشقا قاشتېشى كولىغۇچىلارغا ئوخشاش تىپ ئالماشتۇرۇشنى باشلىدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، روزىتوختى روزى كەنتتىكى داڭلىق گۈل تېرىش ئۇستىسى بولۇپ قالدى، ئۇ يېتىشتۈرۈپ چىققان ئەتىرگۈللەرنىڭ سېتىلىشى دائىم ئەڭ ياخشى بولىدۇ. روزىتوختى روزى: «بىر تال قاشتېشى كولاپ چىقسا نۇرغۇن پۇلغا ساتقىلى بولىدۇ، لېكىن تۇراقسىز، پۈتۈنلەي تەلەيگە باغلىق، ئەتىرگۈللەر خوتەن قاشتېشىدەك پۇلغا يارىمايدۇ، لېكىن كىرىمى مۇقىم»، دېدى. 2017- يىلى، روزىتوختى روزىنىڭ تۆت مو ئەتىرگۈل ئېتىزىنىڭ كىرىمى 40 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر