باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشتى

2018.06.21 15:21   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئىيۇن «دياۋيۈتەي» دۆلەت مېھمانسارىيىدا چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشتى.

  گۈزەل يازدىكى «دياۋيۈتەي»دە ھەممە يەر يېشىللىققا پۈركىنىپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغانىدى. ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى سەمىمىي، دوستانە كەيپىياتتا خۇش پۇراق چاي ئىچكەچ، چوڭقۇر سۆھبەتلەشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇن 100 كۈن ئىچىدە جۇڭگوغا ئۈچ قېتىم كېلىپ، مەن بىلەن ئۇچراشتى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو – چاۋشيەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنىڭ يېڭى تارىخىنى بىرلىكتە ياراتتى. بىز شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۇقكى، جۇڭگو-چاۋشيەن ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش تەدرىجىي ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولدى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى سۆھبىتىنىڭ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك مۇستەھكەملەندى، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك لۇشيەنى چاۋشيەن سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو-چاۋشيەن ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتى جەزمەن ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدۇ. جۇڭگو، چاۋشيەن ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونى جەزمەن تىنچ، مۇقىم، تەرەققىي قىلغان، گۈللەنگەن گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتۈۋالىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەت سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشنى خالايدۇ.

  كىم جوڭئۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەن بىلەن جۇڭگو ھازىر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق، دوستانە ئۆتۈۋاتىدۇ ۋە ئۆز ئارا ياردەم بېرىۋاتىدۇ. يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزگە سەمىمىي، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان غەمخورلۇق قىلدى ۋە بىزنى قوللىدى. بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشۇم مېنىڭ يولداش باش شۇجى بىلەن بولغان دوستلۇقىمنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە چاۋشيەن – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشتىكى پايدىلىق پۇرسەت. مەن جۇڭگودىكى يولداشلار بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن چاۋشيەن-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرىمەن ھەم دۇنيا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتا تېگىشلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرىمەن. ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى جەزمەن ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭنىڭ 2018- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتىلار
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى قوغداش 
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان 9 مىليون 750 مىڭ ئوقۇغۇچى ئۈچۈن مەدەت بېرىش ئۇسۇلى توردا مودا بولد…
    ·2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى كۆرۈنۈشلەر
    ·شىنجاڭدا بۇ يىل 207 مىڭ 400 كىشى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتتى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى پاش قىلىش تېلېفونىنى بىر تۇتاش ئېلان قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانلىرى ھەققىدە توردا مەسلىھەت سوراش ‏ھەپتىلىكىن…
    ·نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىكرى ئوتتۇرى…
    ·بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى سىياسىتىدە قانداق يېڭى ئالاھىدىلىكلەر بار؟